باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس: ئىسرائىلىيەنىڭ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس جاينى بۆلۈۋېلىشىغا يول قويمايمىز

2015.09.18 13:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس تۈنۈگۈن: پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ يېرۇسالېم كونا شەھىرىدىكى مۇقەددەس جاينى بۆلۈۋېلىشىغا يول قويمايدۇ دېدى.

  ئابباس مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتى شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلىشى كېرەك، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شەرقىي يېرۇسالېمنى قوغدايمىز.

  ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى 13-سېنتەبىر تاش ۋە يېقىلغۇ ئوق يوشۇرغان نامايىشچىلارنى ئاقتۇرۇپ تۇتۇشنى باھانە قىلىپ، ئەقسا مەسچىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى قوزغىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى

  ئارىئېل بىلەن باشقا بىر قانچە نەپەر ئوڭ قانات يەھۇدىي ئارقىدىن ئەقسا مەسچىتى جايلاشقان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ، توقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

  ئۈچ كۈنلۈك شىددەتلىك توقۇنۇش ھازىر ئاياغلاشتى.

  ئەقسا مەسچىتى تۇرۇشلۇق جاينى يەھۇدىيلار مۇقەددەس تاغ دەپ ئاتايدۇ، بۇ جاي يېرۇسالېم كونا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىسلام دىنى بىلەن يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس يېرى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر