باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەتنىڭ ئارقىسىدىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش كېرەك

2015.09.17 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 16-سېنتەبىر پىكىر ئېلان قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەتلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا مۇشۇ جىنايەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى دۆلەت ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش فۇنكسىيەسى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە تىغ ئۇچىنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار، خەلق پايدىلىنىدىغان پارتلاتقۇچ بويۇملار، پوجاڭزا، لىفىت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە، كارخانىلاردا ۋە پورت، پىرىستان، ئادەملەر زىچ توپلاشقان جايلاردا يۈز بېرىدىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەتلەرنى نۇقتىىلىق جازالاش شۇنداقلا مۇشۇ جىنايەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى دۆلەت ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش كېرەك. بىۋاسىتە زىيان سالغان ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغان خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلاتقا تەشكىللىگەن، قوماندانلىق قىلغان ياكى باشقۇرغان مەسئۇل خادىم، باشقۇرغۇچى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر