باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2022-يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.09.17 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 34-نۆۋەتلىك ئاسىيا ئولىمپىك مۇدىرىيىتى قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ۋاقتى 16-سېنتەبىر تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتا ئۆتكۈزۈلدى، ئاسىيا ئولىمپىك مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى شاھزادە ئەھمەد قۇرۇلتايدا جۇڭگو خاڭجۇ شەھىرىنىڭ 2022-يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. خاڭجۇ شەھىرى بېيجىڭ، گۇاڭجۇدىن كېيىن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگودىكى 3-شەھەرگە ئايلىنىدۇ.

  خاڭجۇ شەھىرى 2022-يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بىردىنبىر شەھەر بولسىمۇ، لېكىن، خاڭجۇ ئاسيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنىلا ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى ۋە ھۆكۈمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل تەييارلىدى. ئاسىيا ئولىمپىك مۇدىرىيىتى قۇرۇلتىيى قائىدىگە ئاساسەن، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى دوكلات بەرگەندىن كېيىن ئاۋازغا قويدى، ئاسىيا ئولىمپىك مۇدىرىيىتى قۇرۇلتىيىدىكى 45 ئەزانىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خاڭجۇ شەھىرى 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر