باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشى مېخانىزمىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى بىريۇسىلدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.09.17 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى 15- سېنتەبىر بىريۇسىلدا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لىيۇ يەندوڭ بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئەزاسى ئوفروفرو يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  لىيۇ يەندوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىش مېخانىزمى قۇرۇلغان ئۇچ يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈچ چوڭ تۈۋرۈككە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 40 يىل بولغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تىنچلىق ، ئېشىش، پەن تېخنىكا ، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە، مائارىپ، پەن تېخنىكا ، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ياشلار، ئاياللار ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەل رايىنى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەل رايىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئوفروفرو مۇنداق دېدى: ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ياۋروپا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. ياۋروپا، داۋاملىق ئېچىۋېتىش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  لىيۇ يەندوڭ بىلەن ئوفروفرو بىرلىكتە، جۇڭگو ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئىمزالىدى، مائارىپ، پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا قاتناشتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۇڭزى دەرسخانىسىغا ۋىۋىسكا ئاستى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئېسىل مەنزىرىلىرى توپلىمى پائالىيىتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر