باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى

2015.09.15 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلدى)نى تارقاتتى. بۇ يېڭى دەۋردە دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، دۆلەت كارخانىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

  دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تەقەززالىق كۈتۈۋاتقان ئىش. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت كارخانىسى خەلققە مەنسۇپ بولۇپ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم كۈچى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ماددى ۋە سىياسىي ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچلۈك، ئىلغار، كۆلەملەشكەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر