باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

روشەنگۈلنىڭ سېھىرگەرلىك ھاياتى

2015.09.18 09:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   شېنجېن شەھىرى ئېلىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولۇپ، «لايىھە شەھىرى» ۋە «ئىگىلىك تىكلەش شەھىرى» قاتارلىق نامى بار، ئۇ ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «شېنجېن سۈرئىتى»نى ياراتقان. بۇ شەھەردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى سىرتتىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن شىنجاڭلىق بار.

  ئۇ 18 يېشىدىن باشلاپ سېھىرگەرلىكنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئۇچار قارتا تېخنىكىسى ئىجاد قىلغان ھەم «ئۇچار قارتا پەرىشتىسى» دەپ نام ئالغان. ئۇ 28 ياشتا شېنجېن شەھىرىگە بارغان، چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنلىرىنى قويۇپ، بىر ئەۋلاد «سېھىرگەرلىك خانىشى» بولغان. ئۇ دەل شېنجېن «شادلىق باغچىسى» نىڭ تۇنجى ئايال سېھىرگەرى −− روشەنگۈل ئەبەيدۇللا.

  سېھىرگەرلىك ھاياتىنى باشلاش

  روشەنگۈل 1970 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ سەككىز ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئون يىللىق ھاياتىنى سېركچىلىك سەھنىسىدە ئۆتكۈزگەن. بىراق، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سېركچىلىك ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن. روشەنگۈلنىڭ بۇنىڭغا ئىدىيە جەھەتتىن بۇرۇنلا تەييارلىقى بولسىمۇ، سېركچىلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان. سېرك ئۆمىكىنىڭ پېشقەدەم سېھىرگەرى بۇنى كۆرۈپ، ئۇنى ياردەمچىسى بولۇشقا بىۋاسىتە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن روشەنگۈل ئاستا - ئاستا سېھىرگەرلىكنى ياقتۇرۇپ قالغان ھەم سېھىرگەرلىكنى ئۆمۈرلۈك كەسپى قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەتتىن سېھىرگەر يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈم بۇ كەسىپنى ياقتۇراتتىم. ئۆزۈمنىڭ تىرىشىپ قايسى دەرىجىگە يېتەلىشىمنى بىلمەيتتىم. بىراق، سېھىرگەرلىكنى ياخشى كەسىپ دەپ بىلگىنىمدە بۇ كەسىپنى مەخسۇس ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنداق قىلىپ مەن سېھىرگەرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللاندىم.

  سېھىرگەرلىكنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەشىقى ئالدى بىلەن قول مەشىقى بولۇپ، كەسىپداشلار «قول ھۈنىرى» دەپ ئاتايدۇ. ئادەتتە سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسى مەشىقىنى قارتتىن باشلايدۇ، ئەمما، روشەنگۈل ئۇنداق قىلمىغان. روشەنگۈل مۇنداق دېدى: شۇ يىللاردا كەسپىي ئويۇن قويۇش جابدۇقىنى تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى. ئۇچارغىلى بولىدىغان سولياۋ قارتنى تاپقىلى بولمايتتى. شۇڭا، قولۇمدىكى سولياۋ قارتنى نۇسخا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماتېرىيالنى تېپىپ، قارتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە كەلتۈرۈپ كېسىپ، نۇرغۇن قارتا ياسىدىم.

  ئېلىمىزدە بۇرۇنلا قارتا سېھىرگەرلىكى بار ئىدى، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارتا باھاسى ئەرزان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك سەھنە جابدۇقى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارتىنى ئۆزگەرتىش ماھارىتى كۆپ خىل بولۇپ، مۇقىم شەكلى يوق، ھەممە ئادەم ئۆزىگە خاس يېڭى ماھارەتنى يارىتالايدۇ. توختىماي مەشىق قىلىش ئارقىلىق، روشەنگۈلمۇ ئاستا - ئاستا قارتا ئۇچۇرۇش ئالاھىدە تېخنىكىسىنى يارىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يۈرۈش قارتىنى يوشۇرۇشنى بېرىلىپ ئۆگەندىم، قولۇمدا ھازىرغىچە قاداق بار. باشقىلار سېھىرگەرلەرنىڭ قولىنى ئاجايىپ چاققان، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ناھايىتى جاپالىق مەشىقتە پىشقان قول.

  شۇ چاغدا دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچار قارتا سېھىرگەرلىرى ئادەتتە 200دىن ئارتۇق قارتىنى ئۇچۇراتتى، روشەنگۈل بىر قېتىمدىلا 400دىن ئارتۇق قارتىنى ئۇچۇرغان، ئۇچۇرغاندىمۇ 40 - 50 مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. روشەنگۈل 1996 - يىلى «قارتا ماھارىتى» ئويۇنى بىلەن شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن 3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سېركچىلىك، سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى بولغان «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپداشلار تەرىپىدىن «ئۇچار قارتا پەرىشتىسى»، دەپ ئاتالغان.

  روشەنگۈل ئەينى ۋاقىتتا ئۇستاز تۇتۇش جەريانىنى ئەسلەپ كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا مەن 3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم، «جۇڭگو ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى، جۇڭگو بويىچە سېھىرگەرلىك ئۇستازى فۇ چىفېڭ مېنىڭ ئويۇنۇمنى كۆرگەندىن كېيىن، ناھايىتى تەسىرلىنىپ يازغان خەۋىرى «خەلق گېزىتى»نىڭ چەت ئەلچە نەشرىدە ئېلان قىلىندى. شۇ چاغدا مەن مەملىكەتلىك 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىدىم، فۇ ئۇستازنىڭ بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتۇش ئارۇزيۇمنى ئېيتتىم. بىراق، ئۇستاز ياشىنىپ قالغانلىقىنى، مېنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن مۇشۇنداق ئۇستازغا تولىمۇ موھتاج بولغاچقا، مەن ئېرىنمەي قايتا - قايتا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يېلىندىم. ئاخىرقى قېتىم بېيجىڭغا بارغىنىمدا، بىر پارچە گىلەم ئېلىپ ئۇستازنىڭ ئۆيىگە بىۋاسىتە باردىم ھەم مېنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلغان بولسىڭىز، نېمە قىل دېسىڭىز شۇنى قىلاي، مەن چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويمايمەن، دېدىم. فۇ ئۇستاز ئاخىر سەمىمىيىتىمدىن تەسىرلىنىپ، مېنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدى.

  شېنجېن شەھىرىگە بېرىپ سېھىرگەرلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش

  شياڭگاڭ 1997 - يىلى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان شېنجېن شەھىرى يەنە ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى كۆۋرۈككە ئايلاندى. مانا مۇشۇنداق پۇرسەت ۋە رىقابەتكە تولغان پەيتتە، روشەنگۈل شېنجېن شەھىرىدىكى «شادلىق باغچىسى»دا ئىشلەشتەك ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشىپ، تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغان.

  روشەنگۈل 1998 - يىلى چامادىنى بىلەن تۆت كەپتىرىنى ئېلىپ شېنجېن شەھىرىگە بارغان. ئۇ شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېنجېن شەھىرىگە ئۈچ يىللىق يۆتكەلگەن. «مەن ئەسلىي شېنجېن شەھىرىدە بىر نەچچە يىل تۇرۇپلا قايتىپ كېتىمەنغۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن، ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە شېنجېن شەھىرىدە توپتوغرا 17 يىل تۇردۇم»، دېدى روشەنگۈل. ئۇ چاغلاردا شېنجېن شەھىرىدىكى «شادلىق باغچىسى» چوڭ قۇرۇلۇش ئورنى ئىدى، شېنجېن شەھىرىدە سېھىرگەرلىك ئانچە تەرەققىي قىلمىغانىدى، روشەنگۈل سېھىرگەرلىكتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات −− «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىس ئىدى.

  روشەنگۈل شېنجېن شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن زېھنىنى چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان. ئۇ 2000 - يىلى شېنجېن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سېركى «ئالتۇن جۇخارگۈلى مۇكاپاتى» سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، «خىيالىي كۈي» ناملىق سېھىرگەرلىك ئويۇنى بىلەن جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق سېھىرگەرلىك ساھەسىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ، خەلقئارا سېھىرگەرلىك سەھنىسىگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئورۇنلىغان «خىيالىي كۈي» ناملىق سېھىرگەرلىك ئويۇن مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنى بولۇپ قالغان. «ئۇ چاغلاردا بۇنداق چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنى ئورۇندىلىپ باقمىغاچقا باھالىغۇچىلارغا يېڭىلىق تۇيۇلدى، لېكىن، ھېچكىم بۇ نومۇرۇمنىڭ سېھىرگەرلىكنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەچكە، ماڭا قانداق مۇكاپات بېرىشنى بىلمەي، ماڭا ئالاھىدە مۇكاپات بەردى. ئۇ كۈندىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنۇم ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك مۇھاكىمە قىلىشتى»، دېدى روشەنگۈل. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنى كۆپچىلىكنىڭ سېھىرگەرلىككە بولغان يۈكسەك قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، «شادلىق باغچىسى» ئاۋامغا تېخىمۇ تونۇلغان. شېنجېن شەھىرىدىكى «شادلىق باغچىسى» تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا سېھىرگەرلىك بىرلەشمىسى بازىسىغا ئايلانغان، شۇ سەۋەبتىن شېنجېن شەھىرىمۇ جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم سېھىرگەرلىك نۇقتىسىغا ئايلانغان. روشەنگۈل چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنىنىڭ بۇنداق زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. شېنجېن شەھىرىدىكى «شادلىق باغچىسى» روشەنگۈلنىڭ كەسپى ئۈچۈن «خىسلەتلىك ئىشىك»نى ئاچقان، روشەنگۈلنىڭ ئويۇنى بۇ سەھنىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ئۇ چاغلاردا روشەنگۈل يىلدا 700 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويغان. ئۇ موناكو پادىشاھىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2006 - يىلى خەلقئارا بويىچە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى سېھىرگەرلەر يىغىلىشى بولغان 21 - نۆۋەتلىك موناكو مونتىكارلو خەلقئارالىق سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەم «سېھىرگەرلىك يۇلتۇزى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  شېنجېن شەھىرىنىڭ سېھىرگەرلىك سەۋىيەسىنى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، روشەنگۈل 2005 - يىلى ئالاقىلەشكۈچى سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا سېھىرگەرلىك بىرلەشمىسى باش ئىشتابىنىڭ شېنجېن «شادلىق باغچىسى» ساياھەت شىركىتىدە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولغان ھەم «شادلىق باغچىسى» 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا سېھىرگەرلىك بايرىمى ۋە مەملىكەتلىك 2 - نۆۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئالتۇن خۇخارگۈلى» مۇكاپاتى سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش، پىلانلاش خىزمىتىگە ۋە 2002 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە بولغان توققۇز يىلدا شېنجېن «شادلىق باغچىسى» خەلقئارالىق سېھىرگەرلىك بايرىمىنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

  2007 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا، بېيجىڭ «شادلىق باغچىسى»دا ئىككى قىرغاقتىكى تۆت جايدىن كەلگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ سېھىرگەرلىك جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە ئىستۇدېنتلار سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىنى بىر تۇتاش پىلانلىغان ھەم باھالىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. دۇنيا سېھىرگەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېرىك 2007 - يىلى شېنجېن شەھىرىدىكى «شادلىق باغچىسى»غا بېرىپ، بۇ باغچىغا «سېھىرگەرلىكنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» بەرگەن. روشەنگۈل 2008 - يىلى «شادلىق باغچىسى»دا ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلغان ئويۇنلارنى «سېھىرلىك نۇر»، دېگەن سېھىرگەرلىك كېچىلىكىدە تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ھەم «شادلىق باغچىسى» دا تۇنجى سېھىرگەرلىك مەكتىپى قۇرغان. ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلغان ۋە باش بولۇپ ئورۇنلىغان «سېھىرگەرلىك دەرسى» تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  مەن شېنجېن شەھىرىنى سۆيىمەن، شىنجاڭنى تېخىمۇ سۆيىمەن

  روشەنگۈلنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىدا يۇرتى شىنجاڭنىڭ سىماسىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان، بۇ سۈرەت 2013 - يىلى شېنجېن شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن گۈزەل قەشقەرنى سۈرەتكە تارتىش پائالىيىتىدە تارتىلغان بولۇپ، روشەنگۈل كۈندە بۇ سۈرەتكە قارىغىنىدا ئۆزىنى خۇددى يۇرتىغا قايتقاندەك ھېس قىلىدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم سېھىرگەرلىك نومۇرى ئورۇنلىغاندا ئامال بار مىللىيچە كىيىم كىيىپ، ئۇيغۇر قىز - ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى نامايان قىلغان. نومۇر ئورۇنلاش ۋە ئىجاد قىلىش جەريانىدا، ئۇ شىنجاڭچە ئېلېمېنتلارنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇ يۇرتىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان.

  روشەنگۈل شېنجېن شەھىرىنىڭ 2011 - يىلىدىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلانغان. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، روشەنگۈل يىلدا شىنجاڭغا قايتىپ ئويۇن قويغان، ئۇ يۇرتىدا ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ قىياپىتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى. بەزىلەر «شېنجېن شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولمامدۇ؟ قەشقەر شەھىرى يېڭى قۇرۇلغان ئالاھىدە رايون. شۇڭا، مەملىكىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان يېڭى ئالاھىدە رايونغا بېرىپ، ئۇ يەردىكىلەردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك» دېگەندە، روشەنگۈل: شىنجاڭدىن بىر قىسىم سېھىرگەرلەر بىلەن سېرىكچىلەرنى شېنجېن شەھىرىگە ئۈچ ئايلىق ياكى يېرىم يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتلىق ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرسام قانداق بولار؟ مەدەنىيەت ئاستا - ئاستا سىڭىشىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئىگىلىگەن ماھارىتى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ»، دەپ ئويلىغان.

  شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قەشقەردىكى ئەخمەت بىلەن زۇلپىيەنى شاگىرتلىققا ئالىدۇ. روشەنگۈل 2015 - يىلى ئاپرېل ئۇلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان نومۇرىنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو سېركچىلىكى «جۇخارگۈلى مۇكاپاتى» 6 - قېتىملىق سېھىرگەرلىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىدۇ، نەتىجىدە ئەخمەت بىلەن زۇلپىيە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەخمەت مۇنداق دېدى: بىز دەسلەپ بەش - ئالتە يىلغىچە روشەنگۈل مۇئەللىمگە ياردەمچى بولغاندىن كېيىن، روشەنگۈل مۇئەللىم بىزنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدى. ئۇ بىزنىڭ ئۇسسۇلچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇسسۇل بىلەن سېھىرگەرلىكنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلدى. بۇ، ئەخمەت بىلەن زۇلپىيەنىڭ سېھىرگەرلىك ھاياتىدىكى ئادەتتىكى مۇكاپات بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار روشەنگۈلنىڭ ئەستايىدىل تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت سېھىرگەرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلار ئەينى يىللىرىدىكى روشەنگۈلگە ئوخشاش، لەرزان ئۇسسۇلى ۋە قالتىس سېرك نومۇرى ئارقىلىق يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. روشەنگۈل مۇنداق دېدى: سېھىرگەرلىك چۈشكە ئوخشاش چەكسىز سىرلىقلىققا ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە. ئارزۇيىمىزنى يېتىش جەريانى مۆجىزىگە شاھىت بولۇش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. شېنجېن شەھىرىدە ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا ئوخشاش بارلىق ئەقىل - پاراسىتىم ۋە ھېسسىياتىمنى بۇ شەھەرگە ئاتىدىم. مەن يەنە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، باشقا جايلاردا تىنىمسىز تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارغا ئوخشاش قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇھەببىتىمنى ۋە سېغىنىشىمنى شىنجاڭغا بېغىشلىدىم. مەن شېنجېن شەھىرىنى سۆيىمەن، يۇرتۇم شىنجاڭنى تېخىمۇ سۆيىمەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر