باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 2-نۆۋەتلىك «دۇنيادىكى مۇھىم خىرىسلار مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2015.09.16 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك «دۇنيادىكى مۇھىم خىرىسلار مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ھازىر، دۇنيا بايلىق يېتىشمەسلىك، مۇھىت بۇلغىنىش، كىلىمات نورمالسىزلىنىش، ئاپەت، يۇقۇم دائىم كۆرۈلۈش قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر خىرىسلارغا يۈزلەنمەكتە، بۇ كۆپ ساھە، كۆپ پەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ماسلىشىشىغا مۇھتاج. جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم ناھايىتى مۈشكۈل تەرەققىيات ۋەزىپىسى، ھەم ھەر خىل خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا يۈزلەنمەكتە، ئۇ يېڭىلىق يارىتىشنى تايانچ، تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج. بىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يېتىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغاندىن سىرت، يەنە پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، تايانچ تېخنىكلىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدۇق. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، تەرەققىيات جەريانىدا خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى توپلايدىغان، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر