باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بەش يىل ئىچىدە 20 مىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى تاللاپ تەربىيەلىنىدۇ

2015.09.18 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 20مىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىنىپ ياكى شىنجاڭدا ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ، پىلاندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەرگە 8000 ئادەم بىرىپ تەربىيىلىنىدۇ، شىنجاڭدا 12 مىڭ ئادەم تەربىيىلىنىدۇ. تەربىيىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ بېكىتىلىشىدە، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ سانى، ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىش بوشلۇقى، تەربىيىلەش ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلىشىدۇ. تەربىيىلەشتە ئاۋۋال خىزمەت ئورنىنى بېكىتىپ، ئاندىن كېيىن تەربىيىلەيدۇ، كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تەربىيەلەنگەندىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى كارخانىلار ،كەسپىي تېخنىكا ۋە باشقۇرغۇچى ئىش ئورنىغا ئورۇنلىشىشنى ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ياكى نۇقتىلىق يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈلىدۇ.

  دەسلەپكى قەدەمدىكى خادىملارنى تەقسىم قىلىشتا، 6 مىڭ كىشى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، 8مىڭ كىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشىنى،3مىڭ كىشى ناھىيە، يېزىلاردىكى كەسپىي ئورۇنلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، 3مىڭ مەمۇرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەربىيەلەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تەربىيىلىنىش مەزگىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىستاژى ھىسابلىنىدۇ، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى قىلىنىدۇ؛ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار تەربىيىلىنىش مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان خادىملار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ تەربىيىلەنگەندىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا تور سۇپىسىدا« توردا دۇكىنى»ئېچىش قاتارلىق توردا ئىگىلىك تىكلەش ۋە كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنى ئاچقانلارغا، ئىگىلىك تىكلەشتە يېتەكچىلىك قىلىش، قەرز پۇل ۋە تولۇقلىما باج كېمەيتىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، شىنجاڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ 23 مىڭ 300 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنى تاللاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىر كومىتېتلىرىغا قاراشلىق 188 ئالىي مەكتەپلەرگە تەربىيىلەشگە ئەۋەتتى. بۇ يىل 1-ئايغىچە، تاللاپ ئەۋەتكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار مۇددىتى توشۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، « 13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار يېڭىدىن 90مىڭ كىشى كۆپەيگەن.(مەلىكەم تەرخىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر