باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇ لياڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىنىسى

2015.09.18 09:15   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يۇ لياڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىنىسى

 يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەت پاراڭلاشسا ياندا تۇرغانلارغا ناھايىتى قىزىق تۇيۇلىدۇ.
  يۇ لياڭيىڭ باشقىلارغا سىچۈەن تەلەپپۇزىدا ھەم تېز ھەم ئالدىراپ سۆزلەيدۇ، چۇڭچىڭ شىۋىسى ئېغىرراق.
  ئۇ مەمەت بىلەن پاراڭلاشقاندا چۇڭچىڭ شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ، گەپ ئارىلىقىدا يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنىمۇ قىستۇرۇپ قويىدۇ، مەمەتمۇ قويۇق شىنجاڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ، ئۇمۇ سۆز ئارىلىقىغا ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى قىستۇرۇپ ئىشلىتىدۇ.
  ئۇلارنىڭ پارىڭىدا ئوخشاش تەلەپپۇزدا سۆزلىنىدىغان بىرمۇ سۆز يوق.
  بۇنى ئىككىيلەننىڭ مۇستەقىل سۆز سىستېمىسى دېيىشكە بولىدۇ.
  خەنزۇلار بۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىسا، بېشىنى چايقاپ: چۈشەنمىدۇق دېيىشىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدۇ.
لېكىن ئىككىيلەن بىر بىرى بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايدۇ، سۆزلەپ قىزىق يەرگە كەلگەندە، يۇ لياڭيىڭ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا مەمەتنىڭمۇ كۈلۈپ كۆزلىرى قىسىلىپ كېتىدۇ.
  يۇ لياڭيىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1 - شى ئارال شەھىرى 13 - تۈەن 11 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى، ئايال، خەنزۇ.
  مەمەتنىڭ تولۇق ئىسمى مەمەتتۇرۇپ مۇساق بولۇپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا دالىغ كەنتىدىكى دېھقان.
  ئىككىيلەننىڭ ئۆيىنى دۇنيادىكى 2 - چوڭ قۇملۇق − تەكلىماكان قۇملۇقى ئايرىپ تۇرىدۇ.
«ھېسابات»
ئون يىلنىڭ ئالدىدا يۇ لياڭيىڭ ئىما - ئىشارەت قىلىپ، يولدا تاسادىپىي ئۇچراپ قالغان مەمەتنى زورلاپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۇيغۇر ئىشچى ئىشلەتكەن تۇنجى ھۆددىگەر بولۇپ قالغان.
شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ھەر يىلى كۈزدە پاختىدىن ھوسۇل ئېلىنغاندا، پاختىكارلار پاختا تېرىش ئۈچۈن سىرتتىن نۇرغۇن ئىشلەمچى ياللايدۇ.
بۇ شىنجاڭغا خاس ئۆزگىچە ئەھۋال.
بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ «پاختا تېرىش ئىشچىسى» دېگەن چىرايلىق نامى بار.
  مەمەت يۇ لياڭيىڭ ئائىلىسىنىڭ پاختا تېرىش ئىشچىسى.
2 - يىلى يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم «ھېسابات قىلىش»قا بارىدۇ. يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۆزىگە پاختا تېرىشىپ بەرگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ چىرايى ۋە ئىسمى ئۇنىڭ ئېسىدە غۇۋا ساقلىنىپ قالغانىدى.
  ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى شۇ تېلېفون يۇ لياڭيىڭنىڭ ئېسىدە ئېنىق ساقلىنىپ قالغان. ئەينى چاغدا مەمەت خوتەندىكى بىر دوختۇرخانىدىن تېلېفون قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تېلېفون قىلغان دوختۇر يۇ لياڭيىڭغا: بۇ ئۇيغۇر يىگىت تامنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر بالا، سول تەرىپىدە بىر بالا بار، دەيدۇ.
  ئەسلىدە مەمەتنىڭ خوتۇنىدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەن بولۇپ، مەمەت ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن نۇرغۇن قەرز ئالغانىدى.
پاختا تېرىش ئىشچىسى بىلەن خوجايىننىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىي ئەينى يىلىدىكى پاختا تېرىش مەزگىلى تۈگىگەن ھامان ئاياغلىشاتتى، لېكىن يۇ لياڭيىڭ: بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش تۇرسا دەپ ئويلاپ، ياردەم بېرىش نىيىتىگە كەلگەنىدى.
  يۇ لياڭيىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەيلا مەمەتكە 10 مىڭ يۈەن قەرز بېرىدۇ. بۇ يۇ لياڭيىڭ ئائىلىسىنىڭ شۇ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىدى.
  يۇ لياڭيىڭ بۇ پۇلنى تەستە تاپقان بولۇپ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنى پاختا غوزىكى ئىچىدىن يېرىپ ئالغانىدى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ، مەمەتنىڭ ئۆيىنى بىلىمەن، ئۇ بەرىبىر قېچىپ كېتەلمەيدۇ، دەپ ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بەردى.
  شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ بولغاچقا، يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلدا ئىككى كۈن ئولتۇرغانىدى.
  يۇ لياڭيىڭ ئىككى كۈن يول يۈرۈپ ئاخىر مەمەتنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ، لېكىن مەمەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا يۈرىكى ئېزىلىدۇ.
كونا ئۆي، دەرەخ شاخلىرىدىن قوشام قىلىنغان سېغىز تام.
مەمەتنىڭ ئاتا - ئانىسى، خوتۇنى ئېغىر كېسەل بولۇپ، خوتۇنىنىڭ ئاچىسى مەمەتنىڭ بالىلىرىنى قوشۇپ يەتتە بالىنى بېقىۋاتاتتى.
يۇ لياڭيىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ: ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بىساتىنى يىغىپ كەلسە 100 يۈەنگىمۇ يارىمايدىكەن. شۇ چاغدا بۇنى كۆرۈپ 10 مىڭ يۈەن پۇلۇمدىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەنىدىم، دېدى. ئۇ دەسلەپتە مەمەتنىڭ كۆك نامراتلىقىدىن، كېيىن ئۇنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن تولىمۇ ھەيران قالىدۇ.
مەمەت پۈتۈن كەنتنى ئارىلاپ ئۇن، گۆش تېپىپ كېلىپ، نان ياقىدۇ، كاۋاپ قىلىدۇ ھەم يۇ لياڭيىڭنىڭ ئالدىغا ئۆيمۇ ئۆي تېرىپ كەلگەن ياخشى نەرسىلەرنى تىزىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى يۇ لياڭيىڭنىڭ ئەتراپىدا مەشرەپكە چۈشىدۇ.
مەمەتنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزى يالىڭاياغ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپ، گۆشى يوق سۆڭەكنى غاجىلىغاچ، ئۈستەلدىكى كاۋاپتىن كۆزىنى ئۈزمەي قارايتتى؛ يەنە ئىككى بالا يىراقتا بەرەڭگى يېگەچ ئۈستەلدىكى گۆشكە قاراپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇراتتى.
ئانا بولغۇچى بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ قانداقمۇ چىدىسۇن؟
گۆش ھەر قانچە مەززىلىك بولسىمۇ، يۇ لياڭيىڭنىڭ گېلىدىن ئۆتمەيدۇ.
يۇ لياڭيىڭ ئىلگىرى جاپانى كۆپ تارتقان، يۇ لياڭيىڭ 12 ياشقا كىرگەن يىلى چاغاننىڭ 2 - كۈنى دادىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دادىسىدىن ئۇنىڭغا ئىككى كىلوگىرام گۈرۈچ قالغانىدى. ئۇ كىچىك بولسىمۇ، گۈرۈچ ھەم ياغ تېپىپ كېلىپ دادىسىنىڭ نەزىرىنى بەرگەنىدى.
بازار كۈنى، يۇ لياڭيىڭ بىلەن ئىنىسى يول ياقىسىدا ئاپىسىنى ساقلايتتى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن يۇ لياڭيىڭ ئەينى چاغدىكى قورقۇنچ ۋە يالغۇزلۇقنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.
ئاپىسى شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدۇ.
ئۇ توققۇز ياشقا كىرگەن ئىنىسى بىلەن تىلەمچىلىك قىلىپ، قوشنىلارنىڭ ئوتلىرىنى ئوتاپ، كالىلىرىنى بېقىپ جېنىنى باققان. ئۇ شۇ كۈنلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغانىدى.
يۇ لياڭيىڭ شۇلارنى ئويلاپ ئالدىدىكى كاۋاپنى ئەشۇ سەبىي بالىلارغا بېرىدۇ.
شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، يۇ لياڭيىڭ مەمەتكە قەرز بەرگەن پۇلنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ ھەم قانداق قىلغاندا بۇ بىر ئائىلىنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي مەمەت 20 نەچچە تۇغقىنىنى باشلاپ يۇ لياڭيىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، 11 - ليەننىڭ «ئىشتات سىرتىدىكى ئىشچىسى»غا ئايلىنىدۇ.
يۇ لياڭيىڭمۇ ئاشخانىدىكى قازان - قومۇچلارنى ئالماشتۇرۇپ، مەمەت ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە مۇسۇلمانچە غىزالىنىدۇ. يۇ لياڭيىڭنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن چوڭ ئوغلى بۇنىڭغا كۆنمەي، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قونۇپ كېلىدۇ.
مەمەت قول قوشتۇرۇپ تۇرماي، ئۆپكە - ھېسىپ قۇيۇپ، يۇ لياڭيىڭ ئورنىدىن تۇرماستا ئۇنىڭ كارىۋات بېشىغا ئېلىپ كېلىدۇ.
يۇ لياڭيىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىدا گۆش يېيىشكە ئادەتلەنمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەمەت دوق قىلىپ: «ئەمىسە مەنمۇ تاڭزۇڭزا، ئايتوقاچلىرىڭىزنى يېمەيمەن!» دەيدۇ.
سۈركىلىش
«بىز ھازىر بۇنچە ئىناق ئۆتكىنىمىز بىلەن، ئەينى چاغدا كۆپ جېدەللىشىپ قالاتتۇق»، دېدى يۇ لياڭيىڭ. يۇ لياڭيىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مەمەت پىخىلداپ كۈلدى.
ئەينى چاغدا مەمەت ئۆزىنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن نامراتلىقىنى، يەنى، يەر تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىمىگەنلىكى، پۇلنى تېجەپ خەجلىمەيدىغانلىقى، ئىشنى ئۆز مەيلىچە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
پاختا تېرىشنى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە ساغلام كىشى بىر كۈندە 100 كىلوگىرام پاختا تېرەلەيدۇ، لېكىن مەمەتنىڭ بىر كۈندە تەرگەن پاختىسى 10 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيتتى، ئىش تۈگىمەي تۇرۇپلا دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئۇخلايتتى.
ھەر بازار كۈنى مەمەت ئىش تاشلاپ ئاغىنىلىرى بىلەن بازارغا كېتەتتى، ئۇ بازارغا بېرىپ بىر كۈن ئويناپ، تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋېتىپ ئاندىن قايتىپ كېلەتتى.
يۇ لياڭيىڭ كۆڭلىدە جىددىيلەشسىمۇ، لېكىن چاندۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسە، يېنىغا بېرىپ خۇددى كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك: «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن تۇرساڭلار بولىدىغاندۇ؟ ئەمدى ئىشنى باشلىساڭلار بولار؟» دەيدۇ.
مەمەتنىڭ پاختا تېرىشى يۇ لياڭيىڭنىڭ پاختا تېرىشىگە ئوخشىمايدۇ.
يۇ لياڭيىڭ ئوڭ ۋە سول قولىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ پاختىنى ئۈزۈپ بېلىدىكى خالتىسىغا سالىدۇ.
مەمەت بىر قولىدا پاختىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئۇنى يەنە بىر قولى بىلەن بېلىدىكى خالتىسىغا سالىدۇ، شۇڭا ئۇ پاختا تېرىشتە يۇ لياڭيىڭدىن خېلىلا ئارقىدا قالاتتى.
يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭغا قايتا - قايتا ئۆگەتسىمۇ، مەمەت بۇ ئادىتىنى يەنىلا ئۆزگەرتمەيدۇ، يۇ لياڭيىڭ جىلە بولغىنىدىن ئۇنىڭ قوللىرىغا شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ كېتىدۇ.
مەمەتنىڭمۇ ئاچچىقى كېلىپ، جاھىللىقى تۇتىدۇ، خوتەننىڭ ئەرلىرى شىنجاڭغا تونۇلغان «جاھىل»لاردىن بولۇپ، بوينى بەكمۇ قاتتىق ئىدى. مەمەتمۇ دەل شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇ كەتمەننى يەرگە ئېتىۋېتىپ ئىش تاشلايدۇ ھەم خەنزۇچە ئاددىي تىلدا: «ئىشلىمەيمەن!» دەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن يۇ لياڭيىڭ خاپا بولماي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك پاختا تېرىشكە تۇتۇش قىلىدۇ.
يۇ لياڭيىڭ تەرگەن پاختىنىڭ ئىش ھەققى مەمەتكە بېرىلەتتى.
شۇ ئىشتىن كېيىن، يۇ لياڭيىڭ: ئۇنىڭ پاختا تېرىشكە كەلگىنى ياخشى ئىش، بۇ ئۇنىڭ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەيدۇ.
باشلانغۇچتا بەش يىل ئوقۇغان بۇ ئايالنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى قانداق ئۆگىنىۋالغانلىقى نامەلۇم، ئۇ ئالدى بىلەن «مۇكاپاتلاش مېخانىزمى»نى يولغا قويۇپ، «تەرگەن پاختىسى 50 كىلوگىرامدىن ئاشقانلارغا ئون يۈەن مۇكاپات بېرىش»نى بەلگىلەيدۇ؛ يەنە «قوشۇن قۇرۇلۇشى»نى كۈچەيتىپ، مەيلى خەنزۇلارنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمى بولسۇن، ھەممىسىگە ئۇن، گۆش ئېلىپ بېرىدۇ.
مەمەت ئاستا - ئاستا پاختىنى تېز تېرىشنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە پاختا تېرىشنىڭ تېز رىتىمىغا كۆنىدۇ.
تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئېتىزلىقتا بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن «شەيئىنى كۆرسىتىپ تەرجىمە قىلىش»نى ئۆگىنىدۇ. يۇ لياڭيىڭ ئۇيغۇرچە، مەمەت خەنزۇچە سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ، ئۇلار ھەتتا بەزىدە كۈلكىگىمۇ قالىدۇ.
بىر قېتىم يۇ لياڭيىڭ «ئارا» ئەكىلىپ بېرىڭ دېسە، مەمەت ئۆيگە قايتىپ كەت، دېگەن ئوخشايدۇ دەپ، قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ ماڭىدۇ؛ يۇ لياڭيىڭ «ئاياغ»نى ئەكىلىپ بېرىڭ دىسە، مەمەت ئۇنى چۇڭچىڭ شىۋىسىدە سۆزلىگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەزەلدىن چىچەن يۇ لياڭيىڭ بۇ ئىشلارنى «بىلمەسكە سالىدۇ».
باشقىلار پاختا تەرگەن ئىشچىلارغا ھەر كىلوگىرامىغا توققۇز مو بەش پۇڭدىن ئىش ھەققى بەرسە، يۇ لياڭيىڭ بىر يۈەندىن بېرىدۇ؛ ئىشىنى تۈگەتسە، يۇ لياڭيىڭ مەمەتنى باشقىلارغا ئىشلەپ بېرىشكە ئۈندەيدۇ ھەم كۈندە مەمەتنى ئۆزى ماشىنىلىق ئاپىرىپ - ئەكىلىدۇ.
باشقىلار يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ: يۇ لياڭيىڭ بۇ ئۇيغۇر يىگىتكە كۆپ ئەجىر قىلدى، ئۇنىڭ قىلغان ئەجرى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ئېشىپ كەتتى، بەزىدە ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغىمۇ بۇنچىلىك كەڭ قورساق، مېھرىبان بولالمايدۇ، دېيىشەتتى.
مەمەت پۇل تاپسىلا ھەممىنى خەجلىۋېتىدىغان بولغاچقا ئانچە كۆپ پۇل يىغالمايدۇ.
يۇ لياڭيىڭ مەمەتكە: پۇللىرىڭىزنى مەن يىغىپ يىل ئاخىرىدا بېرەي، دەيدۇ.
بۇ ئىش دەسلەپتە خېلى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. لېكىن مەمەتنىڭ پۇلى يىغىلىپ 4400 يۈەنگە يەتكەندە، مەمەت تۇيۇقسىز پۇلىنى بېرىشنى ئېيتىدۇ، يۇ لياڭيىڭ نەسىھەت قىلسا ئۇنۇمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن سوقۇشۇپ قالىدۇ.
يۇ لياڭيىڭنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، بانكىغا بېرىپ پۇلنى ئەكىلىپ مەمەتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىشنى، ئۇنىڭ ئىشىغا قايتا كۆڭۈل بۆلمەسلىكنى ئويلايدۇ.
ئەمما ئۇ يەنە توختاپ قالىدۇ، «يۈر، تۈەن رەھبىرىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيدۇ ئۇ.
مەمەتنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچىدۇ، ئاخىرىدا يۇ لياڭيىڭ پۇلنى يېنىدا چىڭ ساقلاپ، تۈەن رەھبەرلىرى ۋە ساقچىخانىدىكىلەرنىڭ شاھىت بولۇشى بىلەن مەمەتكە پۇل ئالغانلىق ئىسپاتى يېزىپ بېرىدۇ.
يۇ لياڭيىڭ نىمە ئۈچۈن مەمەتكە بۇ پۇلنى بېرىشنى خالىمايدۇ؟
يۇ لياڭيىڭ: مەقسىتىم ئۇنىڭغا جىقراق پۇل يىغىپ بېرىپ، پۇل يىغىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، پۇل يىغقاندا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقى، ئىشچان ھەم تېجەشلىك بولۇشنىڭ بەكمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، دەيدۇ.
يۇ لياڭيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ئاچچىقىمدىن يېرىلاي دەپ قالغاندا، مەمەتنىڭ ئائىلىسى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇڭا سەۋر قىلىمەن، چىشىمنى چىشلەيمەن.
يىل ئاخىرىدا مەمەت ئۆيىگە قايتىدىغان چاغدا، يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ پۇل بېرىدۇ.
بىرىنچى باغلام 14 مىڭ يۈەن پۇلنى بەرگەندە، مەمەت ناھايىتى خۇشال بولۇپ تېز ئالىدۇ.
ئىككىنچى باغلام 10 مىڭ يۈەن پۇلنى بەرگەندە مەمەت ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالىدۇ.
يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭغا: ئالغىن، نېمىشقا ئالمايسەن؟ بۇ سەن تاپقان پۇل دەيدۇ.
يۇ لياڭيىڭ ھېلىقى 10 مىڭ يۈەن قەرزنى ئىش ھەققىدىن تۇتۇۋالمىغانىدى.
ئارقىدىن يۇ لياڭيىڭ يەنە ئۈچىنچى باغلام 4000 يۈەن پۇلنى بېرىدۇ.
مەمەت داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ، يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭغا: بۇ پۇلنى مەن ساڭا بېرىپ تۇراي، سەن قەرزلىرىڭنى تۈگىتىۋالغىن، قالغان پۇللارنى ئۆيۈڭگە خىراجەت قىلارسەن، دەيدۇ.
يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ قەرزلىرىنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ بەرگەن پۇلى مەمەتنىڭ قەرز قايتۇرۇشىغا تامامەن يېتەتتى.
مەمەتنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ ۋە ئارانلا «ئاچا، رەھمەت سىزگە» دېيەلەيدۇ.
مەمەت ھازىرغىچە يۇ لياڭيىڭنى ئاچا دەپ چاقىرىدۇ.
يۇ لياڭيىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا مەمەت ماڭا 10 مىڭ يۈەن قەرز بولسىمۇ، ئەكسىچە ماڭا قەرز ھۆججىتى يازدۇردى. بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلىشقا، كۆپرەك چارە - ئامال ئىزدەشكە توغرا كېلىدىكەن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …