باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇ لياڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىنىسى (2)

2015.09.18 16:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تېخنىكا
مەمەتتە بارغانسېرى يېڭىچە ئوي پەيدا بولۇپ، پاختا تېرىش بىلەنلا قانائەت قىلمايدىغان بولدى.
يۇ لياڭيىڭ ئېتىز ئىشىنى قىلىۋاتقاندا، مەمەت ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ تۇرىدىغان بولدى، يۇ لياڭيىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، مەمەتتىن «ئۆگىنىشنى خالامسەن؟» دەپ سورىدى.
تېخنىكا ئۆگىتىشتە، ئىككى تىل ئارىسىدا چۈشەندۈرۈش ھەقىقەتەن قىيىنغا توختىدى. مايسا تاقلاشنى يۇ لياڭيىڭ قانچە چۈشەندۈرسىمۇ، مەمەت زادىلا چۈشىنەلمىدى.
يۇ لياڭيىڭ ئاخىر چۈشەندۈرۈپ بولالماي، ياخشىسىنى ئېلىپ قېلىپ، سولىشىپ قالغىنىنى يۇلۇۋەت، دېدى.

كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ياندۇرۇشنى ئۆگەتكەندە، يۇ لياڭيىڭ قانچە سۆزلىسىمۇ مەمەت بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ تۇرۇۋالدى. زورلاپ قىلدۇرغاندا، مەمەتنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، كېۋەز مايسىلىرىنى قالايمىقان ئۈزۈپ ۋەيران قىلىۋەتتى.
بويى پاكار كەلگەن يۇ لياڭيىڭنىڭمۇ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن باغلىشىپ، كېۋەز مايسىسىنى دوغا تىكتى.
يۇ لياڭيىڭ ئېتىزنىڭ يان تەرىپىدىن 300 تۈپ كېۋەزنى ئايرىپ قويۇپ، 100 تۈپنىڭ ئۇچىنى ياندۇرماي، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردى، 100 تۈپنى مەمەتنىڭ قالايمىقان ئۇچىنى ياندۇرۇشىغا تاشلاپ بەردى، قالغان 100 تۈپنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئۇچىنى ياندۇردى.
ئىككىسى ئەگەر مەمەت يەڭسە، يۇ لياڭيىڭ 2000 يۈەن بېرىدىغان، يۇ لياڭيىڭ يەڭسە، مەمەت پەقەت ئون يۈەنلىك بىر قاچا لەڭمەن ئېلىپ بېرىدىغانغا كېلىشتى.
مەمەت مەيدىسىگە مۇشتلىغىنىچە: «ئوغۇل بالا دېگەن گېپىدە تۇرىدۇ!» دېدى.
كۈز كەلگەندە 3000 تۈپ كېۋەزدىن ئېلىنغان ھوسۇل ئۈچ يەرگە دۆۋىلەندى.
تېخى تارازىغا سالماي تۇرۇپلا، مەمەت ئۇتتۇرغىنىغا تەن بېرىپ، «مەن لەڭمەندە مېھمان قىلاي» دېدى.
يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ سۆزىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، «ئوغۇل بالا دېگەن گېپىدە تۇرىدۇ، تارازىغا سال» دېدى.
ئۈچ دۆۋە پاختا ئىچىدە، ئۇچىنى ياندۇرمىغان كېۋەزدىن ئېلىنغان پاختا 280 كىلوگرام، ئۇچىنى قالايمىقان ياندۇرغان كېۋەزدىن ئېلىنغان پاختا 350 كىلوگرام، ئۇچىنى ئەستايىدىل ياندۇرغان كېۋەزدىن ئېلىنغان پاختا 450 كىلوگرام چىقتى.
مەمەت بۇنىڭغا قايىل بولۇپ، يۇ لياڭيىڭنىڭ تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى گۇمىغا «كۆچۈرۈپ كەلدى»، نەتىجىدە شۇ يىلىلا كېۋەزنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئىككى ھەسسە ئاشتى.
مەمەت بىڭتۈەننىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، چىلانزارلىق بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۇرتىغا قايتىپ چىلان يېتىشتۈرمەكچى بولدى. يۇ لياڭيىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەمەت يۇرتىدىكى يېرىگە سىناق تەرىقىسىدە ئون تۈپ چىلان كۆچىتى، 14 تۈپ ياڭاق كۆچىتى تىكتى، نەتىجىدە ھەممىسى ئەي بولدى.
يۇ لياڭيىڭ ئەر - خوتۇن 50 مىڭ يۈەننى ئېلىپ، گۇما ناھىيەسىگە كېلىپ مەمەتكە ياردەملىشىپ باغ بەرپا قىلدى، مەمەت: ئەگەر پۇل تاپالمىسام قانداق قىلارمەن؟ دەپ ئىككىلىنىپ قالدى.
يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ مۈرىسىنى قېقىپ: «مەن بار، خاتىرجەم بول» دېدى.
چىلان كۆچىتىنى چاتاشنى ئۆگەتكەندە، مەمەت تۇنجى قېتىمدىلا مېۋە بېرىدىغان شاخنى كېسىۋەتتى.
يەنە ئۆگەتكەندە، يەنىلا مېۋە بېرىدىغان شاخنى چاتىدى.
يۇ لياڭيىڭنىڭ ئېرى چاتاشقا تېگىشلىك بولمىغان شاخلارنىڭ يەردە ياتقىنىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدىن سەكرەپ كەتتى.
يۇ لياڭيىڭ ئامالسىز ئېرىنى كەتكۈزۈۋەتتى.
مەمەت زادى قانچىلىك كۆچەتنى ۋەيران قىلىۋەتتى؟
يۇ لياڭيىڭ كۈلگىنىچە، ئىككى بارمىقىنى چىقاردى، بۇ ئىككى مو دېگەنلىك ئىدى.
«بۇ تېخنىكىنى ئىگىلەش ھەقىقەتەن قىيىن، مېنىڭچە ئۇنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمەپتۇ». يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مېۋىگە تولغان چىلانزارلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى پەخىرلەندى.
مەمەت بارغانسېرى تىرىشچان بولۇپ كەتتى. خەنزۇچە خەتنى تونۇمىغاچقا، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ماركىلىرىنى يىغىپ، رېڭى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، قانچىلىك ئوغۇت بېرىش، نەچچە خىل بېرىشنى يادلىدى.
يۇ لياڭيىڭ بولسا سوئال چىقىرىپ مەمەتتىن ئىمتىھان ئالدى، تۆت مو يەردىكى كېۋەزگە قانچىلىك ئوغۇت بېرىمىز؟ قانداق ئوغۇت بېرىمىز؟ قاچان بېرىمىز؟ ئالتە مو يەرگىچۇ؟
مەمەت ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. 2014 - يىلى چىلان قاققاندا، ئۇ شامالدۇرغۇچ بىلەن چىلاننى بىر جايغا پۇۋلەپ يىغىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى، بۇ ئىلگىرىكى سۈپۈرگە بىلەن سۈپۈرگەندىكىدىن تېز بولۇپ، چىلاننىڭ زېدە بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى.
شامالدۇرغۇچنىڭ ئېتىزدىكى ئاۋازىدىن نۇرغۇن كىشى ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئاخىرى نۇرغۇن ھۆددىگەر مەمەتنى شامالدۇرغۇچى بىلەن چىلان قېقىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
2014 - يىلى مەمەت 30 مو يېرىدىكى ياڭاق، چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىپ، يېڭىدىن خىش قۇرۇلمىلىق بەش ئېغىز ئۆي سالغاندىن سىرت، يەنە كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ سېتىۋالدى.
مەمەت تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولدى.
قوشنىلار تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە كېۋەز تېرىغىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى چۈشەنمىدى. «كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈۋەتتى؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ؟» دېيىشتى.
قوشنىلىرى مەمەتنىڭ كېۋەزنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىدىن كۆپ چېچەكلىگىنىنى كۆرگىنىدە، بەس - بەستە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىدى، مەمەتمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى، ئۇلارنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.
مەمەت بىڭتۈەندە ئىشلەش داۋامىدا، ھەر قېتىم ئېتىز پەرۋىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۆز يېنىدىن 180 يۈەن چىقىرىپ ئاپتوموبىلدا سەككىز سائەت يۈرۈپ گۇما ناھىيەسىگە يېنىپ كېلىدۇ، ئۇ ئون يىلدىن بۇيان ئاز بولغاندىمۇ 100 نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بېرىپ كەلدى.
يۇ لياڭيىڭ گۇما ناھىيەسىگە بارغاندا، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا كېۋەزلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەمەتكە ئۆگەتكەن ئۇسۇلى بويىچە پەرۋىش قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن پەخىرلەندى.
يۇ لياڭيىڭنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن يولغا چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى، ئۆيمۇ - ئۆي تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلدى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت سورىدى.
كەنتتىكىلەر ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، يۇ لياڭيىڭ قايسى ئۆيگە بارسا، شۇ ئۆيدە تاماق تەييار ئىدى، بەزىدە ئۇ بىر كۈندە بىر نەچچە ۋاق تاماق يەپ، قورسىقى يېرىلىپ كېتەي دەپمۇ قالاتتى.
ئۇ، گۇما ناھىيەسىگە كەلسەملا، ئەتراپىمنىڭ مۇھەببەت بىلەن تولغانلىقىنى ھېس قىلىمەن، دېدى. يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ ئۆيىنى ئۆز ئۆيىدەكلا كۆرىدۇ...
مەمەتنىڭ يۇرتى مۇقىملىق ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسىمۇ، ئۇ تۇرۇشلۇق كەنت گۇرۇپپىسىدىكى نەچچە يۈز كىشى ئىچىدىن بىرەرسىمۇ دىن ئەسەبىيلىكى ھەرىكىتىگە چېتىلىپ قالمىدى.
دوستلۇق
يۇ لياڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەمەتكە ياردەم بېرىشنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلار دەپ قارايدۇ.
كىشىلەر بۇلتۇر ليەن ئويۇشتۇرغان بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ئاندىن بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى.
يۇ لياڭيىڭنىڭ قارىشىچە، بۇلار ئۆزى ۋە مەمەت ئىككىيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
يۇ لياڭيىڭنىڭ قېيىنئانىسى مۇنداق دېدى: مەمەت ناھايىتى ئەمگەكچان، ھەر كۈنى كەچتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە ياردەملىشىپ پاختىلارنى توشۇپ بېرىدۇ، دائىم يېرىم كېچىگىچە ئىشلىشىپ بېرىپ ئاندىن دەم ئالىدۇ.
يۇ لياڭيىڭنىڭ ئېرى مۇنداق دېدى: مەمەت باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق، مەيلى خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر پاختىكارلار بولسۇن ياكى گۇمىلىق يۇرتداشلىرى بولسۇن، باشقىلار قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ئىككىلەنمەيلا ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ.
يۇ لياڭيىڭنىڭ قوشنىسى مۇنداق دېدى: مەمەت ئىنتايىن پىداكار، ئۇ ئەڭ جاپالىق بولغان توڭ ياتقۇزۇشنىمۇ ئۈستىگە ئالدى. قىشتا كېۋەزلىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، قەھرىتان سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتىدۇ. مەمەت كېچە - كۈندۇز ئېتىزدا ئىشلەپ، ھەپتىلەپ توڭ ياتقۇزىدۇ.
ئون يىل بېرىش - كېلىش جەريانىدا، يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەت ئاچا - ئىنىدەك بولۇپ كەتتى، يۇ لياڭيىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ مەمەتنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ.
يۇ لياڭيىڭنىڭ 70 نەچچە ياشقا كىرگەن قېيىنئانىسى دائىم ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا مەمەتنىڭ كىيىمىلىرىنى ياماپ بېرەتتى، نەتىجىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ئىشچىلار بۇنى كۆرۈپ، ھەممىسى يامايدىغان كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىدىغان بولدى، بەزىدە 20، 30 كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كېتەتتى.
يۇ لىياڭيىڭ مۇنداق دېدى: قېيىنئانام ئۇنىڭغا بىر جۈپ لاتا ئاياغ تىكىپ بەرگەنىدى، مەمەت خۇشاللىقىدىن باشقىلارغا بۇنى ئانام تىكىپ بەردى، دېدى.
يۇ لياڭيىڭنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ بۇ لاتا ئاياغنى تىكىپ بەرگىنىگە ئالتە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەمەتنىڭ ئۇنى كىيىشكە كۆزى قىيماي، ھازىرغىچە ئاۋايلاپ ساقلاۋاتىدۇ.
ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتنىڭ دوستلۇقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
بىڭتۈەندىكى مەلۇم رەھبەر مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ، ئاقسىغىنىچە گۇما ناھىيەسىگە كەلگەندە، مەمەت يۈگۈرۈپ ئالدىغا كېلىپ، يۇ لياڭيىڭنى يۈدۈپ ماڭدى.
مەمەت يۇ لياڭيىڭنى يۈدۈپ ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇتىنى تىزىغا ئېلىپ، ئۇۋىلاپ تۇرۇپ: «ئاچا، پۇتىڭىز ئاغرىۋاتقاندۇ؟» دەپ سورىدى.
مەمەتنىڭ ئۇيغۇر قوشنىلىرى بىر - بىرلەپ كېلىپ يۇ لياڭيىڭغا قانداق كۈتۈنۈش كېرەكلىكىنى، شور تۇز، تۇخۇم ئېقى دېگەنلەرنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتتى.
بۇ رەھبەر تەسىرلەنگەن ھالدا: ئۇ ھېسسىيات ھەرگىزمۇ ياسالما ئەمەس، دېدى.
مەمەت يۇرتىدىكىلەر ئىچىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىققان ئىشلەمچى.
بىڭتۈەندە پاختا تېرىدىغانلار كەمچىل، گۇما ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولۇپ، نامراتلار كۆپ.
مەمەت يۇرتداشلىرىنى تەشكىللەپ بىڭتۈەنگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى. ئەڭ كۆپ بولغان چاغلاردا 400 كىشى 13 ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ھەيۋەت بىلەن كەلگەن چاغلىرىمۇ بولغانىدى.
ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان قۇربان ھېيتتا، نەچچە يۈز كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت ئۆتكۈزدى. ئۈستەللەرگە ئۈزۈم، تاۋۇز ۋە قۇرۇق مېۋىلەر تىزىلدى، ئاياللار لىگەندە ساڭزا، نانلارنى كۆتۈرۈشۈپ چىقتى، پۈتكۈل ليەننىڭ كانايلىرىدا شوخ ئۇيغۇر ناخشىلىرى ياڭرىدى، كىشىلەر ئۇسسۇلغا چۈشتى.
يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتمۇ خۇشال ئۇسسۇل ئوينىدى. يۇ لياڭيىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، مەمەتمۇ خەنزۇلارنىڭ مودا بولغان «كىچىك ئالما» ئۇسسۇلىنى ئوينىيالايدۇ.
يۇ لياڭيىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، مەمەت بارغانسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەتتىكى تۇغما قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
قىشتىكى ئارىسالدى چاغلاردا، مەمەت ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستى يۇ لياڭيىڭنىڭ ئۆيىدىكى جابدۇقلارنى ئېلىپ چىقىپ كېچىلىك بازاردا پولۇ، لەڭپۇڭ، سامسا، تونۇر كاۋاپلىرىنى ساتتى، ئۇلارنىڭ تىجارىتى راسا ئاقتى. ئالدىراش چاغلاردا يۇ لياڭيىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كاۋاپلارنى جىڭلاپ، پۇل يىغىشىپ بەردى.
2010 - يىلى 3 - ئايدا يۇ لياڭيىڭ ئېرى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ گۇما ناھىيەسىگە مەمەتنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاشقا ماڭغاندا، شىۋىرغاندا بىر چوڭ تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ، يۇ لياڭيىڭ ھوشىدىن كەتتى، ئېرىنىڭ يۈز - كۆزى قانغا بويىلىپ كەتتى. بەختكە يارىشا بىر ئۇيغۇر بوۋاي بىلەن بىر قىز ئۇچراپ قېلىپ، ئۇلارنى چېدىرغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆسۈملۈك دورا بىلەن جاراھىتىنى تېڭىپ بىر كېچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلانى قۇتقۇزۇپ قالدى.
يۇ لىياڭيىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىرغىچە ئۇلارنى تاپالمىغان بولساممۇ، بوۋاينىڭ ئىسمى ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىكەن، دەپ ئويلاپ، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ دەپ ئايرىمايدىغان بولدۇم.
2013 - يىلى مەمەت دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ ئاچقان «سەھرا ئارامگاھى» تىجارەت باشلىدى، يۇ لياڭيىڭ مەمەتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئارامگاھقا كەلدى.
يۇ لياڭيىڭ قورۇمىلار تىزىملىكىدە بىر قۇر خەنزۇچە خەت تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ مىننەتدارلىق قورۇمىسى ئىدى.
تائام ئۈستەلگە كەلتۈرۈلگەندە، ئاندىن ئۆزى ئىلگىرى دائىم يەيدىغان مامكاپ سالىتى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
مامكاپنىڭ ئۇرۇقىنى يىغىش قىيىن بولۇپ، قولىڭىز تېگىپ كەتسىلا توزۇپ كېتىدۇ.
مەمەتنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر سەكسەندىن ئاشىدۇ، ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، يېنىك ھەرىكەت قىلىپ، پىشقان مامكاپ ئۇرۇقىنى ئاۋايلاپ يىغقانىدى.
يۇ لياڭيىڭ بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى.
يۇ لىياڭيىڭ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ: سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، باشقىلارمۇ ساڭا شۇنداق جاۋاپ قايتۇرىدىكەن، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى گۆش ئەمەسمۇ، دېدى.
2015 - يىلى 4 - ئايدا مەمەت ھېچكىمگە بىلدۈرمەي يۇ لياڭيىڭنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى كۆكتاتلىققا ئىككى تۈپ شاپتۇل كۆچىتى بىلەن ئىككى تۈپ نەشپۈت كۆچىتى تىكىپ قويدى. يۇ لياڭيىڭ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ: بۇ كۆچەت بەك كىچىك ئىكەن، مېۋىسى قاچانمۇ ئېغىزغا تېگەر، دېدى. مەمەت كۈلگىنىچە ئۈن چىقارمىدى.
مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى سورىسام، مەمەت مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئاچام بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىلى ئون يىل بولدى، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالەمدىن ئۆتسەم، بۇ بىر نەچچە تۈپ شاپتۇل ۋە نەشپۈت دەرىخى مېنىڭ ئورنۇمدا ئۇلارنى قوغدايدۇ. بىزدە شاپتۇل بىلەن نەشپۈت بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى دەيدىغان گەپ بار، شاپتۇلنى نەشپۈت دەرىخىگە ئۇلىغىلى بولىدۇ، نەشپۈتنى شاپتۇلغا ئۇلىسىمۇ ئەي بولىدۇ.
مەمەتنىڭ ئۆيى تەكلىماننىڭ جەنۇبىغا، يۇ لياڭيىڭنىڭ ئۆيى تەكلىماكاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان.
2007 - يىلىدىن باشلاپ يۇ لياڭيىڭنىڭ يۇرتى ئارال شەھىرىدىن مەمەتنىڭ يۇرتى خوتەنگە قۇملۇق تاشيولى ياسىلىپ قاتناش باشلاندى، بۇ يولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 400 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ.
يول ئۇزۇن بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىسەكلا چوقۇم قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتەلەيمىز.
قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىككى يېنىدا قۇرغاق مۇھىتقا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەر قەيسەرلىك بىلەن ياشىرىپ تۇرماقتا، بۇ ئۆسۈملۈكلەر ھەر يىلى ئەتىيازدا زېمىننى كۆكەرتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر