باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليەن ۋېيلياڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2015.09.18 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 16- سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ليەن ۋېيلياڭ باھا ئىسلاھاتى ساھەسىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ دېدى، ئاھالىلەرگە قارىتىلغان پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمى پەيدىن پەي يولغا قويۇلدى، پەلەمپەيسىمان گاز باھاسى 13 ئۆلكىدىكى 50 شەھەردە يولغا قويۇلدى، پەلەمپەيسىمان سۇ باھاسى 26 ئۆلكىدىكى 275 شەھەردە يولغا قويۇلدى، پەلەمپەيسىمان توك باھاسى شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىن باشقا ھەممە جايدا يولغا قويۇلدى.

ليەن ۋېيلياڭ ئېلېكتىر تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇنداق دېدى، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھا ئىسلاھاتى سىناق دائىرىسى شېنجىندىن يەنە باشقا 6 ئۆلكىنىڭ ئېلكتىر تورىغا كېڭەيتىلدى، كېيىنكى باسقۇچتا ئېلېكتىر تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرىدۇ.

ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىسلاھاتى جەھەتتە، ليەن ۋېيلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئېلىمىز جەمئىيەت دوختۇرخانا ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە سىياسەت، تەدبىرنى يولغا قويۇپ، بازارغا كىرىشنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، قوللاش جەھەتتىكى سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈردى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئۇ مۇنداق دېدى، ئېلىمىز كاربونⅣ)) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش ھوقۇق سودىسىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى يولغا قويۇپ، كاربونⅣ)) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش ھوقۇق سودىسىنى سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرۈتكە بولۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، ليەن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك جانلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ماتورلۇق رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.

ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش جەھەتتە، ليەن ۋېيلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئېلىمىز خەلقئارالىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا ھەمكارلىشىشنىڭ يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، 12 نۇقتىلىق كەسىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئارقىلىق « سىرتقا چىقىش» قا يېتەكلىدى، ھازىرغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى باش بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى يولغا قويغان دۆلەتلەر 20 گە يېقىنلاشتى.

چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ۋە چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى مەنپەئەتى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى، بىر قاتار تۈزۈم ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتۇق. بۇ يىل 1- ئايدىن 8 –ئايغىچە چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى %9.2 كۆپەيدى ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە سېلىنغان چەتئەل مەبلىغى %20.1 كۆپەيدى.

ھەر خىل ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى بارا بارا گەۋدىلەندى. ليەن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى، بىر تەرەپتىن ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى. ليەن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىسلاھاتتىكى ۋەزىپىلەر مۇرەككەپ ۋە ئېغىر، قېلىپ قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەس مەسىلىلەر ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا يەنە ھەر خىل يېڭى ئەھۋال ، يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇقىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا قەيسەر بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر