باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بەش يىل ئىچىدە 20 مىڭ ئوقۇغۇچى تاللاپ تەربىيىلىنىدۇ

2015.09.21 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەش خىزمىتى 13 - بەش يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەشكە تەشكىللەش ۋە تاللاشنىڭ دائىملىق مېخانىزمغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  2020-يىلىغا بارغاندا ، ئاپتونوم رايون 20 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ ھەقسىز تەربىيلەيدۇ ياكى شىنجاڭدا تەربىيىلىنىدۇ،8000 ئادەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيلىنىش، 12 مىڭ ئادەم شىنجاڭدا تەربىيلىنىش پىلانلاندى.

  دەسلەپكى قەدەمدە خادىم تەقسىم قىلىشتا، 6000 ئادەم كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يۈزلىنىدۇ،8000 ئادەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يۈزلىنىدۇ، 3000دىن ئارتۇق ئادەم ناھىيە–بازارلىق كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، 3000 نەپەر مەمۇر دەسلەپكى قەدەمدە تەربىيىلىنىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر