شىئەن شەھەرلىك ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىغا قارىغاندا، يەرلىك ئارخېئولوگلار ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان تاڭ دەۋرىدىكى باي خېنىمنىڭ قەبرىسىنى بايقاپ، قەبرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە نۇرغۇن ئەتىۋارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قېزىۋالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە قەبرە ئىگىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان خروستال مارجاننىڭ نەپىسلىك دەرىجىسى ھازىرقى زاماندىكى مارجانلاردىن قېلىشمايدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، قەبرە ئىگىسىنىڭ ئەجداتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ‹‹مى دۆلىتى›› دىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنكەن.