باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>60 يىللىق قۇتلۇق توي

[شانلىق 60 يىل] شادلىق مەرىكىسى

«ئارزۇ باشلانغان جاي» توغرىسىدا ئاۋام نېمە دەيدۇ؟

2015.09.21 13:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئارزۇ باشلانغان جاي» ناملىق فىلىمنى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى 16- سېنتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى

  ئۇچىسىغا رەڭدار مىللىيچە كىيىم- كېچەكلەرنى كىيگەن ساددا، ئاق كۆڭۈل بىر توپ شىنجاڭلىق بالىلار ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەر شاڭخەيدە ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ئارزۇ- ئارمانلىرىنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ، بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان يېڭىچە ھايات سەپىرىنى باشلىماقچى بولدى...

  16- سېنتەبىر ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى باش تېما قىلىنغان «ئارزۇ باشلانغان جاي» ناملىق فىلىم بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ھالدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى. فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا، نەق مەيداندىكى 700دىن كۆپرەك تاماشىبىن ھاياجانلىق ياشلىرىنى توختىتالمىدى، فىلىم ئاخىرلىشىپ، زالنىڭ چىراغلىرى يورۇتۇلغاندىمۇ، يەنە نۇرغۇن تاماشىبىن ھاياجان ئىلكىدە تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.

  فىلىم ۋىرۇسلۇق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچى ئايگۈل بىلەن ۋېن خۇي مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىغان مېھىر- مۇھەببىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ھالدا داۋام قىلىپ، ۋېن خۇي مۇئەللىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ۋىرۇسلۇق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئايگۈلنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى تەقدىم قىلىشنى قارار قىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بۇ دەل فىلىمنىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسى، شۇنداقلا كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان قىسمى.

  رېئاللىقتىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭمۇ ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىسى بار. بۇ فىلىمدە ئەنە شۇ ساناقسىز تەسىرلىك ھېكايىلەر مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى «لياڭ شياڭ» شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى لىۋېي مۇنداق دېدى: «فىلىمدىكى ھەربىر كۆرۈنۈش مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ فىلىم بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق خىزمىتىنىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىش مۇساپىسىنىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بېرىپتۇ. فىلىمدىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئارزۇ- ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىنى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى، بۇ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئۈمىد ۋە ئىلھامدۇر».

  شاڭخەي شەھىرى «يۈسەي» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك بىزنىڭ يېنىمىزدىلا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىكەن. فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئىرادەم ۋە ئىشەنچىم كۈچەيدى».

  72 ياشقا كىرگەن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى جۈ نەيياڭ ھاياجانلىق كەيپىياتىنى بېسىۋالالماي مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا مەن نەچچە قېتىم ئۆزۈمنى بېسىۋالماي يىغلاپ كەتتىم. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئوقۇغۇچىلارغا بۇ قەدەر كۆيۈنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەش ئىشتىياقى، تېخىمۇ ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مەن تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەتكە نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن قوللاش خاراكتېرلىك ياخشى سىياسەتلەر بار. بىز شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئوغۇل- قىزلىرى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، روھىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرت- ماكانىمىزنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كادىرى لى مېڭ.

  فىلىمدە ۋېن خۇي مۇئەللىم ئەڭ ئاخىرقى ماغدۇرىنى يىغىپ، ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەن بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى − كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئايگۈلگە تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئايگۈلنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، كۆرۈرمەنلەر يەنە بىر قېتىم قاتتىق ھاياجانلاندى.

  بېيجىڭ شەھىرى «دايۈ» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇسانىيە فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن كۆزىگە ياش ئېلىپ: «مېنىڭ ئۆيۈم خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدە، ئۆيدىن ئايرىلغىلى ئەمدى 15 كۈن بولدى. بىزنىڭ سىنىپىمىز فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن سىنىپقا بەك ئوخشايدۇ، سىنىپىمىزدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق كۆپ مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىللە ئوقۇيمىز. ئۆينى بەك سېغىندۇق، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز خۇددى ئانىمىزغا ئوخشاشلا بىزگە بەك كۆيۈنىدۇ. مەن ‹ئارزۇ باشلانغان جاي› دېگەن بۇ فىلىمدىن بەك رازى بولدۇم، ئۆزۈمنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن، سىرتقى دۇنيانى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىنىمدىن بەكمۇ خۇشال».

  قەشقەردىن كېلىپ بېيجىڭ شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئابدۇرېھىم نەبى مۇنداق دېدى: «فىلىمدە ئىپادىلەنگەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتتىن، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىقتىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىمەن».

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ مۇنداق دېدى: «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ياشلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان سەھنە، شۇنداقلا بىز شىنجاڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ فىلىم ئىشلەش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان يارقىن نۇقتا. بۇ زېمىننى چوڭقۇر سۆيگەن بىزگە ئوخشاش شىنجاڭلىقلار بۇ زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان مۇھەببەت ۋە ئازاب، بەخت ۋە كۈلپەتنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز».

  شۇنداق، بىر مەكتەپ، بىر ئوقۇتقۇچى، بىر توپ ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە شاھىت بولدى. «ئارزۇ باشلانغان جاي» فىلىمىنى ئاددىي، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق بۈگۈنكى شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتىدىغان نادىر فىلىم دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر