سۆرەتتە: قەشقەردىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىدىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلفۇزە دىلمۇرات، قەلبىنۇر ئابلەت فوتوسى) ئەتلەس شىنجاڭنىڭ قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان كىيىم رەختى. ئەتلەس ئاساسلىقى ئىككى جايدىن كۆپرەك چىقىدۇ. قەشقەر، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئەتلەسلىرى رەڭدارلىقى بىلەن داڭلىق، گۈللىرى ئىنچىكە، يېشىل، كۆك، سېرىق رەڭلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. خوتەن، لوپنىڭ ئەتلەسلىرى قارا-ئاق ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، نەقىشلىرى ناھايىتى مەردانە، رەڭلىرى ئاددىي-ساددا، ئۆزگىرىشى كۆپ بولىدۇ.
ئەتلەسلەرگە ئاساسلىقى يىپەك ئىشلىتىلىدۇ، خوتەندە بۈگۈنگە قەدەر ئىپتىدائىي قول-ھۈنەر شەكلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى قولدا قىلىنىدۇ.
“21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك“دەپ ئاتالغان ئەتلەس توقۇمىچىلىقى زامانىۋىي سانائەت قاينىمىدا دەۋرگە يېتىشەلمەي قالدى. كىشىلەر ئەرزان، رازمىرى كۆپ بولغان كىيىملەرنى تاللاشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئەتلەس توقۇش كارخانىلىرى ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلار بولماسلىقتىن، تاقىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى.
مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي بايلىقىمىزنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلار مەخسۇس كارخانىلارنى قۇرۇپ، ياشلارنى ئەتلەس توقۇش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئىنتىرنىت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەتلەسلەرمۇ دۆلەت ئىچى سىرتىغا تونۇلۇشقا باشلىدى، بىر قىسىم سەنئەتكار ۋە كىيىم لايىھەلىگۈچىلەرمۇ كۆزىنى بۇ ئالاھىدە رەختكە تىكتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلفۇزە دىلمۇرات، قەلبىنۇر ئابلەت فوتوسى
مەنبە: خەلق تورى