باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشدىن يىغىن ئېچىپ يېرۇسالېم توقۇنۇشىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2015.09.17 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى 15- سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن جىددىي يىغىن ئىچىپ، يېقىندا يېرۇسالېم كونا شەھىرىدىكى ئاقسا مەسچىتىدە يۈز بەرگەن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  يىغىندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئاقسا مەسچىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇش يەنىمۇ جىددىيلەشتى، پەلەستىن تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن ئىچىپ، ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. باياناتتا يەنە پەلەستىنلىكلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاقسا مەسچىتى تۇرۇشلۇق جايدىن يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ تاۋاپ قېلىش ئورنىنى ئايرىش ئۇسۇلىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر