باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش 2 - نۆۋەتلىك شىنجاڭبىڭ تۈەن بوستانلىق كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2015.09.17 14:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن «بىڭتۈەننى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش» باش تېمىسىدىكى 2 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ بىڭتۈەن بوستانلىق كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى ئوتۇنكوزا شەھىرىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو «شىنجيەن» گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن يۇڭ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى ماكسىموۋا سىۋېتىرانا، ئەرمىنىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خاروچورنىئان ئالمان، گىرۇزىيە ئاجارىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پروتكارۇدېس ژاھۇر، موڭغۇلىيە خوبدو ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى M ئامۇرسانا ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن بوستانلىق كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىللىك بولۇش، گۇرۇھلىشىش ئۈستۈنلۈكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، كەسىپلەر تەرەققىياتى جەھەتلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى بىرلەشتۈرۈش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەلرايىنى مايىل قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىڭتۈەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى، ھەر قايسى ساھە زاتلىرى بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق - ئالاقە كۆۋرۈكى، ھەمكارلىق - تەرەققىيات كۆۋرۈكى، ئېچىۋېتىش - تەڭ پايدا ئېلىش كۆۋرۈكى، مۇقىم بولۇش - گۈللىنىش كۆۋرۈكىنى ئورتاق سېلىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك بوستانلىق كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىدە بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقلىرى، يېتەكچى كەسىپلىرى، داڭلىق كارخانىلىرى، خاس مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، ھەر قايسى شى (شەھەر) يەنە بىر قاتار سودا سېلىنمىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر