باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئابدۇرىشىت ياقۇپ: تىل ئارقىلىق ھەرمىللەت خەلقىنى مەھكەم باغلايمەن

2015.09.29 09:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقايسى جايلاردىكى شىنجاڭلىقلار

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرىشىت ياقۇپنى زىيارەت قىلغاندا پەقەت ئېلخەت ئارقىلىقلا ئالاقىلەشتۇق. بۇ مەزگىلدە ئۇ گېرمانىيە بېرلىن براندېنبۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بۇلۇپ،9-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدىكەن.

  ئابدۇرىشىت ياقۇپ-ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، رۇسچە، ئېنگلىز تىلى، ياپون تىلى، گىرمان تىلى، تۈرك تىلى، فىرانسوز تىلى، پارىس تىلى، قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلى، سانسكرىت تىلى، توخرى تىلى، جۇڭگو قەدىمقى موڭغۇل تىلىدىن ئىبارەت 13 خىل تىلنى ئىگەللىگەن مەشھۇر تىلشۇناس، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «چاڭجياڭ ئالىملىرى» ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق.

  ئىلمىي تەتقىقات يولىدىكى ئىككى ئۇنتۇلغۇسىز ئىش
  1984-يىلى 20 ياشلىق ئابدۇرېشىت ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىپ تىلشۇناسلىق قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. 1996-يىلى ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورئاشتى بولغان.

  كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزگىلىدە، بىر پىروفىسسور ئابدۇرېشىتنى ئاسپىرانتلارغا جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇ. دەرس ۋاقتىدا، ئوقۇغۇچىلار ئابدۇرېشىتنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سىچۈەننىڭ تىبەتچە شىۋىسى، مياۋزۇچىدىكى ئاھاڭ ۋە چاسا جۇاڭزۇچە خەت توغرىسىدىكى سوئاللارنى سورايدۇ. ئابدۇرېشىت مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئاڭلىغان بولغاچقا، بۇ مەسىلىلەرگە توغرا جاۋاب بېرىدۇ. كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى بۇنچە ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىغا تولىمۇ ھەيران قالىدۇ.

  كېيىن، كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى يازما ھۆججەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، ئابدۇرېشتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مىڭ خەتلىك دەستۇر توغرىلىق ئىلمىي ماقالە تەييارلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالە يازغان مەزگىلىدە، ئۇ مۇڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقىدا مىڭ خەتلىك دەستۇرنىڭ تەرجىمىسى بارلىقىنى بايقاپ، ئۆرنەك قىلىپ سېلىشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدا مۇڭغۇل يېزىقى ۋە زاڭزۇ يېزىقىدىكى مىڭ خەتلىك دەستۇردىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر قەدەر يۇقىرى باھاغا ئېرىشىدۇ.

  بۇ ئىككى ئىش ئابدۇرېشىتقا ھەرقايسى مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ زىچ باغلانغانلىقىنى تونۇتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ياپونىيە ۋە ياۋروپادا ئۆگىنىش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ بىردىنبىر كۆپ مىللەتلىك ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئەۋزەل شارائىتى ۋە مۇھىملىقىنى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۇپ، ئىناق بىللە تۇرۇپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ، مىللەت، تىل ۋە يېزىققا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى سېستىمىلىق ئۆگىنىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك شەرت-شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىدۇ.

  ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى تەتقىقاتى كۈچلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش
  2008-يىلى ئابدۇرېشىت «چاڭجياڭ ئالىمى» ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ، بىرىنچى بۇلۇپ بۇ نامغا ئېرىشكەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئالىمى بۇلۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «غەربىي يۇرت-ئوتتۇرا ئاسىيا فىلولوگىيە تەتقىقاتى»، «ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تىل فونكىسىيىسى-تىپولوگىيە تەتقىقاتى» قاتارلىق تەتقىقات قوشۇنىنى تەشكىللىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە، ئابدۇرېشىت«غەربىي يۇرت-ئوتتۇرا ئاسىيا فىلولوگىيىسى»، « دالا تىلشۇناسلىقى ۋە تىل ئارخىپى » يۆنىلىشى بويىچە دوكتور ئاسپىرانىتلارنى قوبۇل قىلدى. « ئالتاي تىل سىستېمىسى تىل فونكىسىيىسى- تىپولوگىيە تەتقىقاتى» قاتارلىق تەتقىقات قوشۇنىنىڭ بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى نەشىر قىلىندى، «غەربىي يۇرت-ئوتتۇرا ئاسىيا فىلولوگىيە تەتقىقاتى» تەتقىقات قوشۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن«قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرى توپلىمى» (جەمئىي يەتتە توم، خەنزۇچە نەشرى) شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

  ئىلمى تەتقىقات ئارقىلىق يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇش
  2013-يىلى ئابدۇرېشت مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۆز نىشانىنى شۇنداق بايان قىلدى: ئالدىنقىلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشقا مىللەتتىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرگە خەلقئارالىق نەزەر بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  گەرچە ھازىر ئۆيگە قايتىدىغان پۇرسەت كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئابدۇرېشت شىنجاڭدىكىلەر ۋە شىنجاڭدىكى ئىشلارغاچوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. 2006- يىلى , گېرمانىيىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇرېشىت شىنجاڭدا «تەڭرىتاغ ئالىملىرى»ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسور قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، ئويلىنىپ يۈرمەستىنلا تىزىملاتتى.

  2011-يىلى ئابدۇرېشت شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. 2014- يىلى يەنە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى« قۇرۇم (كۇئېنلۇن) ئالىملىرى» لېكسىيە پروفېسسورى بۇلۇپ تەكلىپ قىلىندى. گەرچە شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسمۇ، لېكىن ئۇ ھەر يىلى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشىپ ، تەتقىقات قوشۇنىنى يېتەكلىدى، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىگە قاتناشتى. (مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبەسى: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر