- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت لىنىيىسى 16 سېنتەبىر قاتنايدۇ،كۆكتوقايدىن قاناسقا 70 مىنۇت ئۇچىدۇ
2015.09.14 14:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ئالتايغا ساياھەتكە بارىدىغان كىشىلەرگە خوش خەۋەر، ئەگەر سىز ساياھەت قىلىدىغان رايون شىنجاڭدىكى ئەڭ سوغۇق جايى- كۆكتوقاي بازىرى، «پانىي دۇنيادىكى جەننەت » دەپ تەرىپلەنگەن قاناس ئىچىدە بولسا، سىز Y-12 تىپلىق ھەممىباب ئاۋىئاتسىيەنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋېتىپ شىنجاڭدىكى كىشىلەرنى « ئۇچىدىغان تاكسى»ئارقىلىق كۆكتوقايدىن ئۇدۇل قاناسقا بېرىپ يۇلتۇز كۆرۈش رېئاللىققا ئايلانماقتا. 16-سېنتەبر، شىنجاڭ تۇنجى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت لىنىيىسى- كۆكتوقايدىن قاناسقا تۇنجى قېتىم قاتنايدۇ، كۆكتوقايدىن چىقىپ، ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسا 1 سائەت 10 مىنۇتتىلا قاناسقا بىرىپ يۇلتۇز كۆرەلەيسىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن، كۆكتوقايدىن قاناسقا ئۇدۇل ئۇچۇدىغان ئايروپىلان يوق ئىدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر