باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېڭ جيەنجۇ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا: تور جىنايىتىگە زەربە بېرىشتا ھەمكارلىشىش كېرەك

2015.09.14 11:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-سېنتەبىردىن 12-سېنتەبىرگىچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەۋپسىزلىك، ئەدلىيە، تور ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى مىنىستىرى جونسون، زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى رايىس قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تور جىنايىتى قاتارلىقلارغا زەربە بېرىش قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تور ھۇجۇمى ۋە تور سودىسى مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا زەربە بېرىش مەيدانى قەتئىي، ھەر قانداق كىشىنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە تور ھۇجۇمى ۋە تور سودىسى مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىشى دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا خىلاپ بولۇپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر