باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خوڭ لېي: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى

2015.09.14 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 10-سېنتەبىر قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  شۈ كۈنى بىر مۇخبىر 11-سېنتەبىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلىنى «دۆلەت ئېختىيارىغا ئالغانلىقى»نىڭ ئۈچ يىللىقى دەپ جاكارلىدى، ياپونىيە كابىنتىنىڭ بىر ئەمەلدارى 10-سېنتەبىر جۇڭگونىڭ داۋاملىق ياپونىيە دېڭىز ساھىلىگە كىرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىمىز، ياپونىيە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دېڭىز ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ، دەپ سورىغاندا خۇڭ لىي جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو دىياۋيۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قارارى ۋە ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر