- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلاردىكى مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك 18 كادىرنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى
2015.09.16 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زو چۈنۋېن 14-سېنتەبىر تەكشۈرۈلدى، بۇ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۇڭ يۆخۇي تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، يېقىندا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر دۆلەت مىنىستىرلىق، كومىتېتىدىكى مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك ئەمەلدار. ھازىرغىچە ئاشكارا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلاردىكى مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك 18 كادىرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان.
بۇ يىل ئاۋغۇسىتتىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلاردىكى مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك ئەمەلداردىن ئىككىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. ئۈلۈشكۈن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقى جاكارلانغان زو چۈنۋېندىن باشقا يەنە شۇڭ يۆخۇي بار. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 19-ئاۋغۇست مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۇڭ يۆخۇينىڭ ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر