- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى شەنبە باشلىنىدۇ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىدە تېزىملاتقان ئادەم سانى 4502 نەپەرگە يەتتى
2015.09.16 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنبە كۈنى دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئۈرۈمچى ۋىلايىتىدە ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئادەم سانى 4502 نەپەرگە يېتىپ، تارىختىكى يۇقىرى پەللىنى ياراتقان.15-سېنتەبىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 14-قېتىملىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى يەنىلا شىنجاڭ يېزا ـ ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا جايلاشقان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېلان قىلدى: 4-سېنتەبىردىن 18-سېنتەبىرگىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىتىش تورىغا چىقىپ ئىمتىھانغا كىرىش گۇۋاھنامىسىنى كۆپەيتىپ چىقىرۋىلىشى لازىم؛ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىگە ۋە ئۈنۈملۈك كىملىكىگە تايىنىپ مەيدانغا كىرىدۇ.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2002-يىلدىن 2014-يىلغىچە، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىدە 41مىڭ 23 نەپەر ئادەم دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، 6050 ئادەم ئۆتكەن. دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى سىياسەت ـ بەلگىلىمىلىرىگە ئالاقىدار ئىشلارنى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. تېلېفون نومۇرى 0991-2828044 (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر