باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالاقە تورى +»ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئاياقلاشتى

2015.09.15 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېڭى يول لوڭقىسى» شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالاقە تورى +»ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 13-چېسلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىلىپ بېرىلدى. 14 مەكتەپتىن كەلگەن 55 ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش ئۆمىكى كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش گۇرۇپپىسىدىن 40، ئەمەلىيەت گۇرۇپپىسىدىن 15ى بار. ئەمەلىيەت گۇرۇپپىسى ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئۈرۈمچى جاڭشىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىكتىر –ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ يېڭىلىق يارىتىش گۇرۇپپىسى ئىچىدە، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالتۇن ئون مىنۇتتىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسۋابى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن كوللىكتىپ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك ھىل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر