- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
8- ئايدا مەملىكەتلىك مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى
2015.09.16 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 8- ئايدا مەملىكەتلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 967 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان. 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، مەملىكەتلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى10 تىرىليون 352 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى %7.4 ئېشىپ، ئوخشاش ئېشىش نىسبىتى %5.2 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 4 تىرىليون 768 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.7 ئېشىپ، ئوخشاش ئېشىش نىسبىتى %5.4 بولغان؛ جايلارنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 5 تىرىليون 586 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.9 ئېشىپ، ئوخشاش ئېشىش نىسبىتى %5 . (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر