باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق يىگىت قۇربانجان شىمالىي ئامېرىكىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەيدۇ

2015.09.16 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-سېنتەبىردىن باشلاپ، شىنجاڭلىق يىگىت قۇربانجان شىمالىي ئامېرىكىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمۇ بار.

  7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قۇربانجان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىنىڭ ئېنگلىزچە نەشىرىنى ئېلىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى، ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتقان ئىدى. «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ ئېنگلىزچە نەشىرى ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئوقۇرمەنلەر كىتابتا ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشى ئوبيكتىپ، چىن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن دەپ قارىغان، مەيلى تارىخىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى زامان نۇقتىسىدىن بولسۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھازىرقى جۇڭگو ۋە شىنجاڭغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى توغرىلىغان.

  تۈنۈگۈن (15-سېنتەبىر)، قۇربانجان تىلىفوندا مۇخبىرغا، جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنى ۋە ئۆزىنىڭ ئېمورۇي ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇربانجاننىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىنى، كىشىلەرنىڭ قۇربانجاننىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىدىن تېخىمۇ ھەقىقىي بولغان شىنجاڭنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلغان.

  نۆۋەتتە نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، نيۇ يوك ئۇنىۋېرسىتېتى، مىنىسوتا ئۇنىۋېرسىتېتى، كلەمسون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار، نوتۇق سۆزلەش 18-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر