باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

2015.09.16 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، « ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىپ ئەقىل كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-مەركەزنىڭ زور فاڭجېنى بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كارخانىلارنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش- دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا كارخانىنىڭ ئۆزلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى. ئومۇم مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار- دۆلەتنىڭ سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە بىر بەلباغ بىر يول بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بەلگىلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ھازىر يەنە قانۇن سىياسەت سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئارقىدا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر