باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كىرىزىس مەنبەسى ئەمەس بەلكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى

2015.09.16 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يېقىنقى مەزگىلدە، دۇنيادىكى پاي چېكى بازىرى، پېرېۋوت بازىرى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرى قاتارلىقلاردا باھا داۋالغۇشى كەسكىن بولدى، خەلقئارادىكى بەزى كىشىلەر: بۇ 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ ھەم بۇ كىرىزىسنىڭ مەنبەسى جۇڭگو، دېدى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن يۈلۇ مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا رەددىيە بېرىپ: «2008-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىكى چوڭ داۋالغۇشتا، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەڭشىگۈچى بولدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئىزچىل دۇنياغا پايدا يەتكۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى» دېدى. 9-نۆۋەتلىك يازلىق داۋۇس مۇنبىرىدە، «جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ-خەتەر مەنبەسى ئەمەس بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەلىرىنىڭ بىرى» دېيىلگەن قاراشمۇ مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
پاكىتقا ئاساسلانساق، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن.
2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئالدىن قارار قىلىپ، بىر قاتار مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنى كەسكىنلىك بىلەن يولغا قويۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇردى. 2009-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئارقىغا چېكىندى، لېكىن، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ٪9.2 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. چېن يۈلۇ: «ئەگەر، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسا، دۇنيا ئىقتىسادىي يەنىمۇ چېكىنگەن، دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان بولاتتى» دېدى.
چېن يۈلۇ: جۇڭگو چوڭ كۆلەمدە ئىمپورت قىلىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىشەنچلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقى، پۇلنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر