باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پاختىغا بولغان« بىۋاسىتە تولۇقلىما» ئۇسۇلىنى تەڭشىدى

2015.09.16 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ 14-سېنتەبر 2015-يىللىق پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، پاختىغا بولغان« بىۋاستە تولۇقلىما»ئۇسۇلىنى تەڭشىدى. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سېتىش مىقدارى بويىچە پاختىكارلارغا تولۇقلىما بېرىدىكەن. لايىھە بويىچە، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ، مەركەز ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ % 90ى سېتىش مىقدارى بويىچە پاختىكارلارغا تولۇقلىما بېرىدىكەن، قالغان % 10 قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى «ئاساسىي دېھقان ئائىلىلىرى»گە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى قىسمىغا بېرىلدىغان تولۇقلىما ئىكەن.

  2014-يىللىق نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە، مەركەز ئىقتىسادىي ياردەم پۇلىنىڭ % 60 ى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى بويىچە بېرىلگەن % 40ى ئەمىلىي سېتىش مىقدارى بويىچە بىرىلگەن. لېكىن«تېرىلغۇ كۆلىمى+سېتىش مىقدارى»تولۇقلىما ئۇسۇلىدا، خىزمەت مىقدارى چوڭ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى قاتارلىق نۇقسان مەۋجۇت.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن، بۇ يىل، شىنجاڭدا يەنە ئېلىكتېرونلاشقان« تېرىقچىلىق ئىسپاتى»يولغا قويۇلدى، ئىلگىرىكى قەغەز نۇسخا قايتا ئىشلىتىلمەيدۇ. كۆپ قىسىم پاختىكارلارنىڭ تېرىش ئەھۋالى ئاللىقاچان سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ دېھقانلار بىۋاسىتە ساتسا بولىدىكەن.پاختا ئاممىۋىي تەكشۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تالا تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ پاختا ئاممىۋىي تەكشۈرۈش، ئامبارغا كىرگۈزۈش باشلىنىدۇ، شىنجاڭ تالا تەكشۈرۈش سىستېمىسى« كەسپىي ئامباردا ساقلاش+ ئامباردا ئاممىۋىي تەكشۈرۈش»تۈزۈمى ۋە خىزمەت ئەندىزىسى بويىچە، شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، پاختا سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتە ئىشەنچىلىك بولۇشقا ، پاختىكارلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇقۇملاشتۇرىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر