باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسى 338 شەھەرنى قاپلىدى

2015.09.15 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مۇھىت تەكشۈرۈپ باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جاڭ جيەنخۇينىڭ 13-سېنتەبىر «مۇھىت ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى»دە ئېيىشىچە، 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە «شەھەر ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورى» 338 شەھەرنى قاپلىغان، شەھەر ئومۇمىي ھاۋا سۈپىتى ۋە ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش ئەھۋالىنى باھالايدىغان 1436 تەكشۈرۈش نۇقتىسى مۇھىت باشقۇرۇش ۋە جامائەت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى تېخنىكا جەھەتتە قوللايدىكەن.

  جۇڭگو مۇھىت تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدىكى 13 شەھەرنىڭ 2014-يىللىق مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنىڭ «ئوتتۇرىچە ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى»نىڭ نىسبىتى %42.8 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، بۇ رايونلارنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق بۇلغىمىلار PM2.5 بىلەن PM10 بولۇپ، ئۆلچەمدىن ئېشىش نىسبىتى %47.8 ۋە %42.4 ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوزۇن ۋە ئازوت دىئوكسىدنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىش نىسبىتىمۇ %10تىن يۇقىرى بولغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر