باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق» نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ

2015.09.16 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى «ئىككى بايرام» نىڭ ئالدى-كەينىدە ئىنتىزام ئىجراسى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل» نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. جايلار، ئورۇنلار «تۆت ناتوغرا ئىستىل» نى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن « تۆت ناتوغرا ئىستىل »غا زەربە بېرىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ سوۋغا قىلىش، سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تولۇقلىما ۋە پاراۋانلىق تارقىتىش قاتارلىق ئېقىمغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، بالدۇر تۇتۇشى، كىچىكىنىمۇ تۇتۇشى، تىپىك مەسىلىلەرنى ئىسىمىنى ئاتاپ مەلۇم قىلىشى ۋە پاش قىلىشى كېرەك. «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار يوشۇرۇن «تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «2015-يىللىق تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، 8 گە يول قويماسلىق، 8نى قىلماسلىقتەك ئىنتىزام تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق سوۋغات كارتىسى، ئۈندىدار سوۋغىتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سوۋغا ئېلىش، سوۋغا بېرىش، پۇل سوۋغا قىلىش قاتارلىقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. «ئىككى بايرام» دىن ئىلگىرى، خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆلكە بويىچە پارتىيىلىك كادىرلارغا : توققۇزنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر