باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇر سىستېمىسى ئاساسىي ئۆلچىمى ئومۇملاشتۇرىلىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ

2015.09.16 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئالاقىدار ئورۇنلارنى تەشكىللەپ تۈزگەن «پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇر سىستېمىسى ئاساسىي قائىدىسى» ساھە ئۆلچىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىندا تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ. «ئاساسىي قائىدە» نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈچ تارماق يېقىندا «پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇر سىستېمىسى ئاساسىي قائىدىسى»نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئىگىلىنىشىچە، «ئاساسىي قائىدە»دە پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەريانىغا چېتىلىدىغان پىدائىيلار، پىدائىي تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرلىرى، تەربىيەلەش، تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش، پىدائىيلار مۇلازىمەت ۋاقتى، باھالاش، ئەرز، پىدائىيلار مۇلازىمەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مۇھىم ئامىللار ئۇچۇر سىستېمىسىدا رەتلىنىپ، تۇنجى قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ سپىر يىغىش، فۇنكسىيەلىك رولى، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەر توغرىسىدا بىر تۇتاش ئۆلچەم ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى، بۇ- پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى ۋە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر