- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندىستاندىكى گاز پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلار 90غا يەتتى
2015.09.14 11:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندىستاننىڭ داۋالاش تارمىقى خادىمى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ھىندىستاننىڭ مەركەز ئىشتاتى چابۋە شەھىرىدە يۈز بەرگەن گاز تۇڭى پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلار 90 غا يەتتى، ئۇندىن باشقا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، يەنە كېلىپ قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن، قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىقتا ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە.
ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: ھازىر پارتلاش سەۋەبى نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن ئىككى قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆيدە پوجاڭزا ياسايدىغان قانۇنسىز نۇرغۇن پارتلاتقۇچنى ساقلىغان ھەمدە گاز تۇڭىنى پارتلاتقۇچ بىلەن بىر يەرگە قويۇپ قويغان. بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىكى ئۆيلەر ئادەتتىكى ئاشپۇزۇللار بولۇپ، ئاشپۇزۇلنىڭ گاز تۇرۇبىسى پارتلىغاندىن كېيىن ئوت كېتىپ، بۇ ۋەقە بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر