كىچىك دوست ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دادىسىنىڭ ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر، ئەلۋەتتە
يەر شارى تورى خەۋىرى: ئامېرىكا نيۇيوركنىڭ خانىش رايونىدىكى يولدا، بىر دادا يامغۇردا ئوغلىغا كۈنلۈك تۇتۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ دۈمبىسى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ مەنزىرە بىر تورداش تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىندى، ئارقىدىنلا چەت ئەل تور ئالبۇمى Imgurدا بۇ سۈرەت شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىدى. تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىسقىغىنە 13 سائەت ۋاقىتتا بۇ سۈرەت پۈتۈن دۇنيادىكى 2 مىليون 500 مىڭ تورداشنى تەسىرلەندۈرگەن.
سۈرەتتە، كۆڭلەك كىيىۋالغان، ھۆججەت سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان بۇ دادىنىڭ كۆڭلەكلىرى يامغۇردا بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوڭ قولىدىكى كۈنلۈكنى ئوغلىنىڭ باش تەرىپىدە مەھكەم تۇتقىنىچە، ئۇنى يامغۇردىن پاناھلاندۇرۇپ تۇراتتى.