باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا بولىدۇ

2015.09.14 11:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە ئالاقىدار يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ دېدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، پۇتىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە سۆھبىتىدىكى ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كۇچىما: مۆھلەت ئىچىدە يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدىغان كېلىشىمنى تۈزۈشكە ئۈلگۈرەلمەيمىز دېگەن. بۇ ھەقتە پۇتىن: يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش مۆھلىتىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ئەڭ ئاساسلىقى كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش دېگەن.

  پۇتىن مۇنداق دېگەن: يېڭى مىنىسكى كېلىشىمى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەسەيتىشتىكى بىردىن بىر تاللاش. نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن ئەلئارا قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، بۇ يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر