باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

راك كېسىلىگە نىشانلىق، ئېنىق قارشى تۇرغىلى بولىدىغان بولدى، دورا باھاسى 30%، 40% تۆۋەنلىدى

ئۆپكە راكىنىڭ يېڭى دورىسى چەت ئەلنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى

دۆلەت تېببىي دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى، تېببىي دورىگەرلىك تۈرى بويىچە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى

2015.09.11 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 10-سېنتەبىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىن خۇەيجىن مۇنداق دېدى: «12-بەش يىل»دىن بۇيان، ئېلىمىز دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، دورا، سەھىيە ساھەسىدە پەن-تېخنىكا نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىدى، دۆلەت مالىيەسى 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، بىر تۈركۈم خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا يېڭىدىن ياسىغان85 دورا ئىجازەتكە ئېرىشتى

  چىن خۇەيجىن مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دورا ياساش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئېلىمىز كىلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم يېڭى دورىلارنى ياساش بويىچە پەن-تېخنىكا نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، دورا تەتقىق قىلىپ ياساش تېخنىكىسى سىستېما قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، نۇقتىلىق ھالدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، يۈرەك قان تومۇرى، ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ئون تۈرلۈك كېسەلگە قارىتا، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش بىرلەشكەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ، دورا تۈرىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، ھازىرغىچە يېڭىدىن ياسىغان 85 دورا ئىجازەتكە ئېرىشتى، 200دىن ئارتۇق يېڭى دورا تۈرى كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر