خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-سېنتەبر، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزا باغچا كەنتىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يىغىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىدىن«ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق دېھقانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ كۈنى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا كەنت ئاياللارنىڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى ۋە ھەر خىل شەكىللىك قول ھۈنەر كەشتىلىرى ئاجايىپ گۈزەل تۈس قوشتى. بۇ نەپىس قول -ھۈنەر بۇيۇملىرى كەنت ئاھالىلىرىنى جەلب قىلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى