باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنگىرىيە مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ۋېنگىرىيە بىلەن سېربىيە چېگراسىغا قىسىم ئەۋەتىدۇ

2015.09.14 11:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىستىفان كۆچمەنلەرنىڭ ۋېنگىرىيەگە كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 12-سېنتەبىر قىسىمنى ۋېنگىرىيە بىلەن سېربىيە چېگراسىدىكى 175 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېنگىرىيە-سېربىيە چېگراسىنى ساقلاشقا ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 13-سېنتەبىرگىچە 2300 ئەسكەر چېگرا رايونلارغا ئەۋەتىلىپ، تۆت مېتىر ئېگىزلىكتىكى تامنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، چېگرا قوغداشنى كۈچەيتكەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋېنگىرىيەگە كىرگەن مۇساپىر 170مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور كۆپ قىسمى ۋېنگىرىيە-سېربىيە چېگراسىدىن كىرگەن. مۇساپىرلار دولقۇنىنى توسۇش ئۈچۈن، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرى 175 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېنگىرىيە-سېربىيە چېگراسىنى بويلاپ تۆت مېتىر ئېگىزلىكتە تام سېلىشنى قارار قىلغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر