- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈ جېڭشېڭ لاسادىن لىنجىغا بارىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنىڭ پۈتتۈرۈلگەن قىسمىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى
2015.09.11 15:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لاسادىن لىنجىغا بارىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنىڭ پۈتتۈرۈلگەن قىسمىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دازى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە قاتناش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. لاسادىن لىنجىغا بارىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول شىزاڭنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم يول، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر كېلىدۇ، تۈنۈگۈن لاسادىن موجۇگۇڭكاغا، گۇڭبۇجياڭدادىن 1-ئاۋغۇست بازىرىغا بارىدىغان بۆلەكتە قاتناش باشلاندى، پۈتۈن لىنىيە پۈتتۈرۈلگەندىن كېيىن لاسادىن لىنجىغا بارىدىغان مۇساپە زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ، بۇ يولنىڭ پۈتتۈرۈلۈشى شىزاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يول بويىدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر