باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن نەچچە يۈز ئادەم قامىلىپ قالدى

2015.09.14 11:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېتا تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە ياپونىيەنىڭ كانتو، شەرقىي شىمال قاتارلىق شەرقىي رايونلىرىدا ئۇدا بىر قانچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن رايونلاردىكى يامغۇر مىقدارى 50 يىلدا بىر كۆرۈلدى، ئىباراكى قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى بىر قانچە دەريالار تېشىپ كېتىپ كەلكۈن ئاپىتى پەيدا بولدى. ھازىر ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىباراكى ئۆلكىسىنىڭ جوسوشى شەھىرىدە كەلكۈن پەسەيمىدى. 12-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىگىچە كەلكۈن ئاپىتىدە تۆت ئادەم قازا قىلدى، 15 ئادەم يارىلاندى.

  10-سېنتەبىر چۈشتە، كانتودىكى كىنۇگاۋا ئېقىنى جوسوشى شەھىرىدە 140 مېتىر يار ئېلىپ كېتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئېتىزلار، تاشيوللار ۋە دېھقانلار ئۆيلىرىنى سۇ بېسىپ كەتتى، كەلكۈننىڭ چوڭقۇرلۇقى بەش مېتىرغا يەتتى. يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىز بەك چوڭ بولغانلىقتىن، سۇ شىددەت بىلەن ئاقتى، بۇ ئېغىزنى ئېتىشكە بىر ھەپتە كېتىشى مۇمكىن.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، فۇكۇشىما ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا، دەريا سۈيى يامراپ كەتكەنلىكتىن، فۇكۇشىما ئارىلىدا يادرو چىقىپ كېتىپ بۇلغانغان تۇپراق ساقلانغان يەتتە ۋاقىتلىق جاينى سۇ بېسىپ كېتىپ، 82 تاغا بۇلغانغان تۇپراق ئېقىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 45 تاغىرى يېغىۋېلىنمىدى، بۇلغانغان تۇپراقنىڭ ئېقىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكى نامەلۇم. توكيو ئېلېكتىر شىركىتى مۇنداق دېدى: فۇكۇشىما ئارىلىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۇ چىقىرىش ئېرىقى تېشىپ كەتكەنلىكتىن، رادىياكتىپ ماددىلار بولغان يامغۇر سۈيى 9-ۋە 11-سېنتەبىر ئىككى قېتىم دېڭىز ئوكيانلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر