باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىل مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى

2015.09.11 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى قۇياش ئەڭ كېيىن ئولتۇرىدىغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى جىغىن يېزىسىدىكى بىردىن بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 167 قىرغىز ئوقۇغۇچى قوش تىل مائارىپىنىڭ پايدىسى بىلەن ئاساسىي مائارىپنى بىر قەدەر ياخشى قوبۇل قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا قوش تىل يەسلىسىدىن 2500 ئى قۇرۇلغان ،مۇھىم نۇقتا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قارىتىلغان ھەمدە يېزىلاردىكى يەسلى قوش تىل مائارىپ راسخوتى كاپالەت مېخانىزمى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭدا يەسلى مائارىپى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسى %59 دىن %89 گە ئۆرلىگەن. يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سانى 480 مىڭغا يەتكەن. ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %34 دىن %69 گە ئۆسكەن. پۈتۈن شىنجاڭدىكى قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلغان يەسلى بالىلىرى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 990 مىڭدىن 2 مىليونغا كۆپەيگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر