باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.11 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 9-سېنتەبىر خەلق سارىيىدا 2015-يىللىق جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە دۇنيا سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ بۇرچى پارتىيەنى چىڭ باشقۇرۇش لازىملىقىنى بەلگىلىدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسى دەل ئۇنىڭ بۇرچى. ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك.جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى تارىخ ، كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكى بەلگىلەيدۇ، بۇنى خەلق ئۆزى تاللايدۇ. جۇڭگودا ئىشنى ياخشى قىلىشتا خەلقنىڭ خۇشال بولغان ياكى بولمىغانلىقى، رازى بولغان ياكى بولمىغانلىقى، قوشۇلغان ياكى قوشۇلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ،يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇش لازىم. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا ھەم ئىدىيەۋى ئېتىقاد باش مەقسىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يۇقىرى چەك قىلىش ھەم پارتىيە ئىنتىزامدىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، كىچىك خاتالىقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ چوڭ ئىشلارغا چارە كۆرۈپ، يۇقىرى چەكتە چىڭ تۇرۇش، ھەرگىزمۇ تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك لازىم. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتكەندىلا خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرغىلى ، تۈرلۈك خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈستىدە ئىزدىنىشتا ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر