باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۆۋەتتە ئېلىمىز تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى

2015.09.11 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دوڭتاڭ 9-سېنتەبىر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىز تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى، پۈتۈن يىلدا يەنىلا مۇسبەت ئېشىشتىن ئۈمىد بار، ئېلىمىز ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۈلۈشى يەنىلا مۇقىم ئاساستا ئاشىدۇ، ئىمپورتى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە ئايلىنىدۇ، لېكىن تۆۋەنلەش كۆلىمى داۋاملىق تارىيىدۇ. ۋاڭ دوڭتاڭ مۇنداق دېدى: 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتى يەنىلا مەنپىي ئاشتى، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاساسىي سان ئامىلىدىن سىرت، ئاساسلىقى يەنىلا خەلقئارا بازار ئېھتىياجىنىڭ پەسكويلۇقى، ئېلىمىز ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى تەننەرخىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى ھەم كەسىپ ۋە زاكازنىڭ تېز يۆتكىلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاياغ قاتارلىق ئەمگەك زىچ توپلاشقان كەسىپلەرنىڭ ئېكسپورتى ئازىيىپ، ئېكسپورت سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر