- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە شىنجاڭدا جەمئىي 1413 زەھەر دېلوسى پاش قىلىندى
2015.09.11 16:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:10-سېنتەبر، مۇخبىرنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 1413 زەھەر دېلوسى پاش قىلىنىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11 ئۆرلىگەن1622 نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈپ بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19 ئۆرلىگەن. ھەر خىل تۈردىكى زەھەردىن 1.12 توننا قولغا چۈشكەن. 2015-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زەھەر جىنايىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋەزىيەتكە قارىتا، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ«زەھەر مەنئىي قىلىش كۆرگەزمىسى»، « توردا زەھەر تازىلاش»، « پوسۇلكا ھەرىكىتى» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى، قانۇن بويىچە ئېغىر، تېز، مەركەزلىك زەربە بەردى. بولۇپمۇ«زەھەر چەكلەش بىرلەشمە جېڭى» مەزگىلىدە ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، بايىنغولىن ئوبلاستى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا پاش قىلغان زەھەر دېلوسىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 50 دىن كۆپ ئۆرلەپ نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر