باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈچ يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى

مەملىكەت بويىچە راك كېسىلى خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ

2015.09.11 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق16 ئورۇن بىرلىشىپ «جۇڭگو راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى(2015__2017)»نى تۈزۈپ چىققان. «ھەرىكەت پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2017-يىلغىچە ئالتە تۈرلۈك كونكرېت نىشانغا يېتىش كېرەك، بۇلار ئۆسمىنى تىزىملاش نىسبىتىنى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 30%تىن كۆپرەكىنى قاپلىتىش، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكە(ئۆلكە، شەھەر)لەردىكى راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، مەملىكەت بويىچە راك كېسىلى خەرىتىسى سىزىپ چىقىش؛ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىنى %3 پىرسەنت تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالتە تۈرلۈك كونكرېت نىشان تۆۋەندىكىچە:

  (بىرىنچى) دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدىغان راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ ئېشىش سەۋىيەسىنى كونترول قىلىش.

  (ئىككىنچى)دۆلەت راك كېسىلى مەركىزى ئاپپاراتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دوختۇرخانا، كېسەللىكنى كونترول قىلىش ئاپپاراتىنى ئاساسىي گەۋدە ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقىرى-تۆۋەن بىرلەشكەن راك كېسىلىدىن ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش. ھازىر بار بولغان مەبلەغكە تايىنىپ رايونلارنىڭ راك كېسىلىدىن ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش مۇلازىمىتىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش.

  (ئۈچىنچى) ئۆسمىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆسمىنى تىزىملاش نىسبىتىنى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى قاپلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكە(ئۆلكە، شەھەر)لەردىكى راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە راك كېسىلى خەرىتىسى سىزىپ چىقىش.

  (تۆتىنچى) راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ساۋاتلىرىنى بىلىش نىسبىتىنى %60كە يەتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىنى %3 تۆۋەنلىتىش.

  (بەشىنچى) ئۆپكە راكى، جىگەر راكى، ئاشقازان راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، يۇتقۇنچاق راكىنى ئاساس قىلىپ، راك كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇپ بالدۇر داۋالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق راك كېسىلىگە بالدۇر دىياگنوز قويۇش نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزۈش.

  (ئالتىنچى) نۇقتىلىق راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، راك كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ياشاش نىسبىتىنى بەش يىل ئۇزارتىپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر