باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چوڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ مىنستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.09.11 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ 20-قېتىملىق مىنستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 9-، 10-سېنتەبىر بىرمىنىڭ پايتەختى نايپىدۇدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى: ئىستراتىگىيەلىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككىلەمچى رايوننىڭ سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. كامبۇدژا، جۇڭگو، لائوس، بىرما، تايلاند، ۋىيتنام قاتارلىق ئالتە ئەزا دۆلەتنىڭ مىنستىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلات ۋە رايون ئىچى سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  چوڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى 1992-يىلى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى باشلىغان، مەزكۈر رايوندىكى مۇھىم ئىقتىسادى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ بىرى. بۇنىڭ باش مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، رايون رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، مەزكۈر رايوننىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر