- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن سۇرىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە قاتنىشىمىز دېدى
2015.09.11 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا تۈنۈگۈن رۇسىيە خەلقئارا قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، سۇرىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە قاتنىشىدۇ دېدى.
زاخاروۋا شۇ كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەگەر رۇسىيە سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىشكە موھتاج بولسا، بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدۇ دېدى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىبياكوۋ شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەشكىللىگەن ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى مۇكەممەل ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىتتىپاق ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەرىكىتى بىر قەدەر ئەۋج ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشمىدى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا بۈگۈنكى دۇنيادا، بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر