باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

2015.09.11 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سالىم زونۇن 9–سېنتەبىر پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك كومىتېت يىغىنىنىڭ ئەسلىدە بېكىتىلگەن 14–سېنتەبىردىن ئالاھەزەل ئۈچ ئاي كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  زۇنۇن شۇ كۈنى مۇنداق دېدى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئەزاسى زوڭتوڭ ئابباسقا بىرلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ، يىغىنغا تەييارلىق قىلىشتا ئالدىراپ قالىدىغانلىق سەۋەبلىك، مەملىكەتلىك كومىتېت يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. زۇنۇن مۇنداق دېدى، يىغىننى كېچىكتۈرۈش- پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا تېخى قاتناشمىغان سىياسى گۇرۇھلارغا ۋاقىت بەرگەنلىك بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئىگىلىنىشچە، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى يەنى خاماس بىلەن پەلەستىن ئىسلام غازات تەشكىلاتى يەنى جىھاد پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر