باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىل ئېبولا قاناش قىزىتمىسىنىڭ تۈگىشىدىن ئۈمىد بار

2015.09.11 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئېلۋود 9-سېنتەبىر جەنۋەدە مۇنداق دېدى: غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا قاناش قىزىتمىسى يۇقۇمى ھەققىدە ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە ناھايىتى ياخشى خەۋەرلەر تارقالدى، بۇ يىل يۇقۇمنى تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئۈمىد ناھايىتى زور.

  ئېلۋود تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەرنىڭ سانى ھەر ھەپتىدە پەقەت بىر نەچچىلا بولماقتا. بۇلتۇر 3-ئايدىن بۇيان، گىۋىنىيەدە تۇنجى قېتىم يەتتە كۈن ئىچىدە يېڭىدىن كېسەل پەيدا بولمىدى.

  ئېلۋود يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەرنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشى-خەتەرنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قارىدى. بىراق ئېلۋود مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىختىن قارىغاندا، ئېبولا قاناش قىزىتمىسى پەيدا بولغان دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىدا يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم يۇقۇم پەيدا بولغان. شۇڭا، يۇقۇمنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر