باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ

2015.09.11 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي يېقىندا تاجىكىستاندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تاجىكىستاندا يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان-دوست قوشنىلار ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر، جۇڭگو تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەم بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، ئامانلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر توپ تېررورچى 4-سېنتەبىر سەھەردە ۋەھدەت شەھىرىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشخانىسى، پايتەخت دۈشەنبىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى ھەم دۈشەنبە ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلىپ، سەككىز ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، يەنە بەش ئادەمنى يارىلاندۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر